شەرقىي تۈركىستان ياردەم گۇرۇپپىسى خىزمىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئاپەت رايونىدىن ئايرىلدى

تۈركىيەنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىغان خەلقتىن ھال سوراش ۋە ئېھتىياجلىق ياردەملەرنى سۇنۇش ئۈچۈن ماناۋگاتقا بارغان شەرقىي تۈركىستان ياردەم گۇرۇپپىسى بۈگۈن پىلانىدىكى ئۈچ كۈنلۈك خىزمىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئىستانبۇلغا قاراپ يولغا چىقتى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە تەۋە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل  ھەرىكىتى، كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى خادىملىرىنىڭ قاتنىشىشى ۋە باشقا ئون نەچچە تەشكىلاتنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا تەشكىللەنگەن جەمئىي 36  كىشىلىك بىر گۇرۇپپا پىدائىيلار 4-ئاۋغۇست ئانتاليانىڭ ماناۋگات ناھىيەسىگە يېتىپ بارغان ئىدى.

ياردەم گۇرۇپپىسى بۇ ئۈچ كۈن جەريانىدا گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ياردەم بۇيۇملىرى ئامبىرىدا توشۇش، رەتلەش، تارقىتىش قاتارلىق ئارقا سەپ خىزمەتلىرىگە ياردەملىشىش، ئۇيغۇر پولۇسى ئېتىپ، ئاپەت رايونىدىكى خادىملارغا ۋە يەرلىك خەلقكە تارقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر بويىچە پىدائىيلىق قىلدى.

ياردەم گۇرۇپپىسى يەنە تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن قالدۇق ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر قىسىم رايونلارغا بېرىپ، ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىملاردىن ھال سورىدى ۋە خىزمەتلىرىگە ياردەملەشتى. ياردەم گۇرۇپپىسى ئاپەت رايونىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ماناۋگاتنىڭ كەپەز رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى خاقان تۈتۈنجۈنى زىيارەت قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ياردەم گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ ئۈچ كۈن جەريانىدىكى خىزمەتلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە تۈركىيەنىڭ يېڭى ئەسىر گېزىتى، ئايقىرى خەۋەرلىرى، قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تۈركىيە خەلقىگە يەتكۈزۈلدى، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەمنۇن قىلدى.

نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ 44 ۋىلايىتىدىكى 191 رايوندا ئوت ئاپىتى كونترول قىلىنغان بولۇپ، يەنە ئالتە ۋىلايەتتىكى 13 رايوندا ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

بۇ خەۋەر 1344 قېتىم كۆرۈلدى
06/08/2021 16:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق