خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن ياۋروپاغا مال يەتكۈزۈشنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان

ئاتالمىش شىنجاڭ گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شەرقىي تۈركىستاندىن ياۋروپاغا تۆمۈر يول ئارقىلىق مال توشۇش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشقان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئۈرۈمچى-سانجى تاموژنىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى خىتاي-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىنىڭ نۆۋەتچى پويىزلىرى 200گە يېقىنلاشقان بولۇپ، يۈك توشۇش مىقدارى تەخمىنەن 200 مىڭ توننا بولغان. سودا سوممىسى بىر مىليارد 100 مىليون دوللاردىن ئېشىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50.43، %57.2، %111 ئاشقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى توشۇپ يەتكۈزىدىغان مال تۈرلىرى كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى، توقۇمىچىلىق خام ماتېرىياللىرى ھەم مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئون نەچچە تاۋار چوڭ تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن ۋە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە ئىككى نۆۋەتچى پويىز يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىقىدىكەن. ھازىرغىچە ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدە قاتناش لىنىيەسىدىن 21ى بار بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا جايلاشقان 19 دۆلەتتىكى 26 شەھەرگە يېتىپ بارىدىكەن.

خىتاينىڭ مەسئۇل ئەمەلدارلىرى ھازىر ئۈرۈمچىدە تۆت-بەش كۈندىلا بىر پويىز كەلگۈدەك ئېكسپورت ماللىرىنى يىغالايدىغانلىقىنى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان تۈركىيە، گىرۇزىيە، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، دەرەخ يىلىمى قاتارلىق تاۋارلارنى ئېكسپورت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتى سەۋەبلىك كۈچلۈك خەلقئارالىق بېسىمغا، تەنقىدكە، ھەتتا جازا يۈرگۈزۈلۈشكە دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئەمما خىتاي رېجىمىنىڭ بۇنىڭغا پىسەنت قىلماي، جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قانلىرى، ياشلىرى بەدىلىگە ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 6326 قېتىم كۆرۈلدى
03/08/2021 10:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق