تۈركىيەدە 4-نۆۋەتلىك «ھۇررا» لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمەكتە

شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 4-نۆۋەتلىك «ھۇررا» لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 1-ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا رەسمىي باشلاندى.

مۇسابىقە ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدىكى پۇتبول زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا مۇسابىقىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قارىھاجىم ۋە مۇسابىقىنى تەشكىللىگۈچى تەرەپ شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تاھىر كۆكبايراق قىسقىچە ئېچىلىش سۆزى قىلدى.

مۇسابىقىنىڭ تۇنجى كۈنىدە بەش مەيدان مۇسابىقە ئوينالغان بولۇپ، ئىستانبۇلنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئائىلە بويىچە كېلىپ مۇسابىقە كۆردى ۋە كوماندىلارغا قىزغىن مەدەت بەردى.

تاھىر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇسابىقىگە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىدىن تەشكىللەنگەن جەمئىي 13 كوماندا قاتناشقان بولۇپ، ئايلانما مۇسابىقە تەرىقىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن ۋە ئۈچ ھەپتە ئەتراپىدا داۋاملىشىدىكەن.

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، ئىستانبۇلدا ۋاسكېتبول، پۇتبول مۇسابىقىلىرى قەرەللىك ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە ۋە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ، جۈملىدىن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تەنتەربىيەگە بولغان قىزىقىشىنى كۈچەيتىشتە، مۇھاجىرەت ھاياتىغا مەنىۋى كۈچ بېغىشلاشتا بەلگىلىك رول ئويناپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 1126 قېتىم كۆرۈلدى
02/08/2021 14:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق