خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقات يىغىنىنىڭ بۇ قېتىملىق بېكىتى قازاقىستان بولدى

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 30-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋە نۇرسۇلتاندا «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدا قازاقىستانغا قارىتىلغان سىنلىق يىغىن ئۆتكۈزگەن. 

بۇ قېتىمقى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى ۋە خىتاينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن. يىغىنغا قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، مائارىپ ۋە پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىكى، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ۋە تاراتقۇلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ يۈزدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش»نىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەرەققىي قىلغانلىقى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقى، خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب كۈچلىرىنىڭ بۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى قېلىپلاشقان ساختا بايانلىرىنى تەكرارلاپ چىققان.

خىتاينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ شياۋ خىتاي-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تېز تەرەققىياتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇقىملىقىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقى، ئامېرىكا قاتارلىق غەربتىكى دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»، «مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش» قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدىكى سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقى، بۇ ئارقىلىق خىتاي-قازاقىستان ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ھەققىدە بىلجىرلىغان.

يىغىندا قازاقىستان ئاستانە خەلقئارا ئىلىم ئاپپاراتى خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى كوژولوۋا سۋتلانا ئۆزىنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيانقى شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى تەتقىقاتى ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاننى زامانىۋىلاشقان، جەمئىيەت، ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلغان، دەپ قارايدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇدا تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت «زوراۋانلىق، تېررورلۇق» دېلوسى يۈز بەرمىگەنلىكىنى، بۇ خىتاينىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە ئەتراپتىكى دۆلەت، رايونلارنىڭ خەۋپسىزلىكىگە نىسبەتەن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

يىغىندا يەنە ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق ساختا تەشۋىقات فىلىمى قويۇلغاندىن سىرت، پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۈلنار ئوبۇل لاگېر شاھىتلىرىدىن سايراگۈل ساۋۇتباي، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ گۇۋاھلىقلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارغا تۆھمەت چاپلىغان. بۇندىن باشقا بىر قىسىم ئامما يىغىنغا قاتناشتۇرۇلۇپ، مەجبۇرىي يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن.

خىتاي رېجىمى بۇ بىر يىل ئىچىدە ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرى ئارقىلىق مەزكۇر ساختا تەشۋىقات يىغىنىنى تەرتىپ بويىچە ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم دۆلەت بولغان قازاقىستاننى تاللىغان، شۇنداقلا يىغىنغا شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاق ئەمەلدارلارنى قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق، ساختا تەشۋىقاتىدا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە ئۇرۇنغان.

بۇ خەۋەر 976 قېتىم كۆرۈلدى
02/08/2021 13:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق