خىتاي شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىنى توسۇش قىلمىشىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئارتىپ قويدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش مەسىلىسىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈش سەۋەبىنى نومۇسسىزلىق بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتلىرىغا ئارتىپ قويغان.  

بىلۇمبېرگنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى»نىڭ باياناتچىسى شۇ گۈيشياڭ 30-ئىيۇل بېيجىڭدا ئېچىلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى توغرىسىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى»دا ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى تىلغا ئېلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىلھام توختى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئوخشاش «نامۇۋاپىق تەلەپلەر»نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى سەۋەبلىك، شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش تەلىپىنىڭ ئىشقا ئاشمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

شۈ گۈيشياڭ يىغىنىدا يەنە: «ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتلىرى ئىلھام توختى ۋە باشقا جىنايەتچىلەر بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئىگىلىك ھوقۇقىمىزغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق. بىز بۇ خىل پىكىر ۋە ئالدىنقى شەرتنى كۆزلىگەن زىيارەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى قوللىمايمىز» دېگەن.

شۈ گۈيشياڭ يەنە خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، قولاي شارائىت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى قېلىپلاشقان بايانلىرىنى قايتا تەكرارلىغان.

بۇ خەۋەر 1081 قېتىم كۆرۈلدى
31/07/2021 14:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق