ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمەت لىنىيەسى قۇرۇلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى ئىككى پارتىيە ئەزالىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش مەسىلىسىنى مەخسۇس ھەل قىلىش ئۇچۇن ئۇيغۇر ئالاقە لىنىيەسى قۇرغان. 

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى دېموكراتچىلار پارتىيە ئەزاسى توم سۇزى(Tom Suozzi)ۋە يېڭى جېرسىي ئىشتاتى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى كىرىس سىمىس(Chris Smith)29-ئىيۇل «پارلامېنت ئۇيغۇر لىنىيەسى» قۇرۇپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇققا سىستېمىلىق تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ چۈشىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. شۇ ئارقىلىق 21-ئەسىردە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنى تەشكىللىك دەپسەندە قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قانۇنىنى قوللاشنى مەقسەت قىلغان. ئۇيغۇر لىنىيەسى قۇرۇشنىڭ نىشانى يەنە، ئامېرىكا خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى چۈشىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ خىتايدىن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئىكەن.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم سۇزى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بىز خىتاي 21-ئەسىردە داۋام قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ تەشكىللىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە سۆزلەۋاتىمىز. بىز پارلامېنت ئەزاسى بولۇپلا قالماي بەلكى ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن چەتئەللەردىكى ئاساسى ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەت ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداشتا مەسئۇلىيىتىمىز بار» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئۇندىن باشقا پارلامېنت ئەزاسى كىرىس سىمىس بۇ ھەقتە: «ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنى ئاساس قىلغان مۇسۇلمانلارنى ئىرقىي قىرغىن قىلىش ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇش قىلمىشى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان رەزىل جىنايى قىلمىشتۇر. شى جىنپىڭ زىيانكەشلىك قىلىپ بىر مىللەتنى بىر پۈتۈن يوقىتىۋەتمەكچى بولغاندا ئامېرىكا سۈكۈت قىلالمايدۇ. ئۇيغۇر لىنىيەسى بىلەن بارلىق باستۇرۇلغان كىشىلەر بىرلىشىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق پاجىئەسىنى توختىتىشقا تىرىشىشى لازىم» دېدى.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە: «خىتاي ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىپ يوقىتىشقا كۈچەۋاتقان، ھەمدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولۇۋاتقان بىر مۇھىم پەيتتە، ئۇيغۇر مۇلازىمەت لىنىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى تەبرىكلەشكە ئەرزىيدۇ. مەن ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن تولىمۇ مىننەتدار، بۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئاساسىي لىنىيەگە كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار كىرىس سىمىس ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ باشچىلىقىدا ھەمكارلىشىپ مۇھىم لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويغان پارلامېنت ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتىمىز ھەمدە پۈتۈن دۇنيانىڭ بۇ ئۇيغۇر مۇلازىمەت لىنىيەسىنى ئۈلگە قىلىپ، ئۆز دۆلىتىدە ئىتتىپاق قۇرۇشىنى، شۇ ئارقىلىق بۇ بىر مەيدان قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

بۇ خەۋەر 916 قېتىم كۆرۈلدى
30/07/2021 12:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق