خىتاي پاي چېكى بازىرى تۇيۇقسىز چۈشۈپ كەتتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ھەپتە خىتاي پايچىك بازىرى بىردىنلا تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، خىتاي ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەمەلدارلىرى خەلقئارادىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنى بەزلەپ، خىتاينىڭ سىياسەت ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى تەدرىجىي ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقى ۋە ۋال كوچىسى ژۇرنىلى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پاڭ شىڭخەي چارشەنبە كۈنى كەچتە گاۋشىڭ گۇرۇھى قاتارلىق دۆلەت ھالقىغان بىر قىسىم مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن يېپىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىندا، خىتاينىڭ رەسمىي تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان بىر قاتار كىشىلەرنى ئۈمىدلەندۈرىدىغان خەۋەرلەرنى يەتكۈزگەن. نيۇيورك ۋە خوڭكوڭ ئاكسىيە تېخنىك شىركەتلىرى پايچەكلەرنىڭ ئۆرلەشكە باشلىغانلىقىنى، شۇنداقلا يەنە بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ بازارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تېرىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

«ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پاڭ شىڭخەي يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا خىتاينىڭ يېقىندا بۇ كەسىپتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، مۇۋاپىق ئۇسۇلدا تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە تونۇشتۇرۇپ خىتاينىڭ دۇنيا بازىرىدىن شەكسىز ئايرىلىپ چىقىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئامېرىكا پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان بازاردىن شەكسىز ئايرىلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىغىندا خىتاي دائىرىلىرى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق، مەكتەپ سىرتى تەلىم-تەربىيە ساھەسىدىكى قىممىتى 120 مىليارد دوللارغا يېتىدىغان شىركەتلەرگە ۋە تېخنولوگىيە ماگناتلىرىغا زەربە بېرىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىنى سۇسلاشتۇردى.

بۇ خەۋەر 817 قېتىم كۆرۈلدى
30/07/2021 12:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق