ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىشنى چەكلەش تەكلىپى سۇندى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزالىرى 28-ئىيۇل خىتاي تېلېگراف شىركەتلىرى خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭ شىركىتى ۋە باشقا شىركەتنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن چىقىم قىلماقچى بولغان 19 تىرىليون دوللارلىق ھۆكۈمەت مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى توم كاتتون (Tom Cotton) ۋە دېموكراتچىلارنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى مارك ۋارنېر (Mark Warner) بۇ مەبلەغنىڭ ئامېرىكا تېلېگراف تورىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىلمەسلىكىنى ئېيتىشتى. «ئامېرىكىنى قۇتقۇزۇش پىلانى» دەپ ئاتالغان بۇ قانۇن لايىھەسى بۇ يىل مارتتا ماقۇللانغان بولۇپ، مارك ۋارنېر بۇ ھەقتە، «ئامېرىكىنى قۇتقۇزۇش پىلانى تارىخىي مەبلەغ سەۋەبىدىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشتاتلار ئۆزلىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، ئەرزان باھالىق يۇقىرى سۈرئەتلىك ئىنتېرنېت تورىنى پىلانلاۋاتىدۇ. بۇ پۇرسەتتە، بىز چوقۇم ھېچقانداق بىر جەمئىيەتنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى قۇربان قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.

توم كاتتون بۇ ھەقتە يەنە: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چوقۇم كۈچلۈك تەدبىر قوللۇنۇپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنى تور ساھەسىدىن چىقىرىۋېتىش كېرەك. ئامېرىكىلىقلار ئىشەنچلىك ۋە بىخەتەر تېلېگراف تېخنىكىسىغا ئېرىشىشى كېرەك» دېگەن بولۇپ، خىتاينىڭ خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭ شىركەتلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، ئامېرىكا فېدراتسىيە خەۋەرلىشىش كومىتېتى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق بىردەك قارار ئېلىپ، بىر مىليارد 900 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، يېزىلاردىكى كۆپ قىسىم تىجارەتچىلەرنىڭ خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭ قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى تېلېگراف تورىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن تۆلەم بەرگەن. ئۆتكەن يىلى فېدېراتسىيە خەۋەرلىشىش كومىتېتى خىتاينىڭ خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭ شىركىتىنى دۆلەت بىخەتەرلىك تەھدىتى دەپ بېكىتكەنىدى. شۇنداقلا فېدېراتىپ خەۋەرلىشىش كومىتېتى 2020-يىلى 9-ئايدا خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى تور قۇرۇلۇشىدىن ئېلىۋېتىش ۋە ئالماشتۇرۇشقا 1 مىليارد 834 مىليون دوللار كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 818 قېتىم كۆرۈلدى
30/07/2021 11:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق