تۈركىيەدىكى 100 ئادۋوكاتنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ب د ت غا سۇنغان خېتىگە جاۋاب كەلدى

ئۆتكەن يىلى 26-ئىيۇن كۈنى تۈركىيەدىكى «قانۇن ۋە پىكىر مۇنبىرى» مەسئۇلى ئادۋۇكات فارۇق كەلەشتىمۇر ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدىكى ئادۋوكاتلار ئۇيۇشمىسىغا ئەزا 100 تۈرك ئادۋوكاتنىڭ نامىدا نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر باستۇرۇشلار ھەققىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سۇنۇلغان بىرلەشمە ئەرزنامىگە جاۋاب كەلدى.

  ئادۋوكات فارۇق كەلەشتىمۇر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەتتە مەزكۇر ئەرزنامىنىڭ 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 29-نۆۋەتلىك يىغىنىدا كۈنتەرتىپكە قويۇلىدىغانلىقى، يىغىنغا ئەرزنامىنى سۇنغان 100 ئادۋوكاتقا ۋاكالىتەن «قانۇن ۋە پىكىر مۇنبىرى» مەسئۇللىرى قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

 فارۇق كەلەشتىمۇر ئەپەندى بۇ دوكلاتنى سۇنۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ: «مەقسىتىمىز قېرىنداشلىرىمىز ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى قوغداش. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ قانىغان يارىسىدۇر. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىسىدۇر. بىز قانۇن بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادۋوكاتلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە زىممىمىزگە چۈشكەن ۋەزىپىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىمىز. بۇ مەسىلىدە بىزنى ئىزچىل قوللاۋاتقان كەسىپداشلىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن» دېگەن ئىپادىلەردە بولدى. 

بىرلەشمە ئەرزنامىنىڭ ئالاھىدىلىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى بولۇپ، 1948-يىلى ماقۇللانغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدىكى ئەركىنلىك، بىخەتەرلىك ھوقۇقى، ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقى، شەخسىي ئائىلىۋى تۇرمۇش مەخپىيەتلىكى، ساياھەت ئەركىنلىكى، ياشاش، كۆپىيىش ھوقۇقى قاتارلىق ئەقەللىي ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى بولغان.

بۇ خەۋەر 886 قېتىم كۆرۈلدى
29/07/2021 15:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق