تەيۋەننىڭ ئەمەلدارلىرى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ جاسۇسى بىلەن ئالاقە قىلىش مەسىلىسىدە تەكشۈرۈلگەن

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ جاسۇسى بىلەن ئالاقە قىلغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈلگەن.

«ئەينەك مېدىيا» بۇ ئىشتىن خەۋەردار مەنبەلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن دۆلەتلىك مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باشلىقى، سابىق مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى جاڭ جېپىڭ ۋە باشقا بىر قانچە پېنسىيەگە چىققان ھەربىي ئوفىتسېرلار خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ خوكڭوڭدىكى ۋەكىلى بىلەن ئالاقە قىلىش ھەققىدىكى  دېلۇ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.

 «ئەينەك مېدىيا» خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى تەيۋەننى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلىپ، جاڭ جېپىڭنىڭ ئايالىنى خوڭكوڭدا ساياھەت قىلدۇرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن جاڭ جېپىڭ «ئەينەك مېدىيا» ئېلان قىلغان خەۋەرنىڭ ئاساسى يوق ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ سەپەر ئۈچۈن پۇل تۆلىگەنلىكىنى، خىزمەتداشلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن بىللە غىزالانغاندا مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قائىدىسىگە قەتئىي ئەمەل قىلغانلىقىنى ئېيتقان. جاڭ جېپىڭ قولغا ئېلىنمىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «مەن ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقىنىمغا ئون نەچچە يىل بولدى، مەن ئىزچىل مەخپىيەتلىكنى ساقلاپ تەستىق ئالماي تۇرۇپ ھەربىي ئىشلار توغرىسىدا سۆز قىلمىدىم» دېگەن.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتىدا ئاشكارىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئاخبارات تارماقلىرى تەيۋەننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېراللىرى بىلەن ۋاسىتىچى ئارقىلىق ئالاقىلىشىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ ئەمما ھېچقانداق دۆلەت مەخپىيىتى ئاشكارىلانمىغان.

باياناتتا يەنە، «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتتى. دۈشمەن جاسۇسلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە ئۈنۈملۈك قارشى تۇرۇپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى» دېيىلگەن.

بۇ خەۋەر 1184 قېتىم كۆرۈلدى
29/07/2021 14:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق