خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا 110 يادرولۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سۇپىسى ياساپ چىقتى

گېرمانىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئالىملار بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا ئاشكارىلىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرقىدە 110 ئورۇندا يادرولۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سۇپىسى ياسىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئالىملار بىرلەشمىسى 26- ئىيۇل ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا، سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەرگە ئاساسەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرقىدىكى قۇمۇلغا يېقىن جايدا 110 باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سۇپىسى ياسىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خىتاينىڭ يادرو قوراللىرىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىگە بولغان ئەندىشىسىنى يەنە بىر قېتىم قوزغىغان.

«ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، ئەقىل ئامبىرى بۇ سۈرەتلەردە 14 قويۇپ بېرىش قۇدۇقىنىڭ قۇرۇلۇش ئورنىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇپ، بۇلار تور شەكلىدە تارقاق ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ھەر بىرىنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 3 كىلومېتىر مۇساپە بىلەن ئايرىلغان. ھەر بىر قويۇپ بېرىش سۇپىسى ناچار ھاۋارايىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ياپقۇچ بىلەن يېپىلغان. دوكلاتتا يەنە قۇرۇلۇشقا تەييارلىق قىلىنىۋاتقان باشقا 19 ئورۇن تىلغا ئېلىنغان.

تەتقىقاتچىلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، قويۇپ بېرىش سۇپىسىنىڭ قۇرۇلۇشى بۇ يىل مارتتا باشلانغان بولۇپ، تەخمىنەن 110 قويۇپ بېرىش سۇپىسى ياسىلىشى مۇمكىن ئىكەن. بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى ئامېرىكىدىكى يەنە بىر ئەقىل ئامبىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى سودا سۈنئىي ھەمراھ رەسىمى ئارقىلىق قويۇپ بېرىش سۇپىسىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ ئورۇن قۇمۇلنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 380 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 120 باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇپىسى بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، بۇ ئورۇن شەرقىي تۈركىستانغا يېقىن گەنسۇ ئۆلكىسى يۈمېن شەھىرىگە جايلاشقان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يۈمېن بىلەن قۇمۇلدىكى قۇيۇپ بېرىش سۇپىسىنىڭ ياسىلىشى خىتاينىڭ يادرو قورال ئامبىرىنىڭ ئەڭ چوڭ كېڭىيىشى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ قويۇپ بېرىش سۇپىسىنىڭ كېڭەيتىلىشى ئىكەن. بۇ ئىككى يېڭى قويۇپ بېرىش سۇپىسىنىڭ ئومۇمىي سانى رۇسىيەدىن ئېشىپ، پۈتكۈل ئامېرىكىدىكى قىتئەلەر ئارا قويۇپ بېرىلىدىغان باللىستىك بومبىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يادرو باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سۇپىسى ياساش قىلمىشىنى ئىنكار قىلىپ، «بۇلارنىڭ ھەممىسى شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى، خىتاي باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىماي تۇرۇپ، يادرو قورالىنى ئىشلەتمەسلىككە ۋەدە بەردى. خىتاي ساقلىغان يادرو كۈچى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە» دەپ بىلجىرلىغان.

بۇ خەۋەر 738 قېتىم كۆرۈلدى
29/07/2021 13:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق