خىتاي پۇقرالىرى پاكىستاندا يەنە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 28- ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 28-ئىيۇل (چارشەنبە كۈنى) پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە يەنە بىر قېتىم خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە بىر خىتاي پۇقراسى يارىلانغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ پاكىستان ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇپەتتىشى جاۋىد ئەكبەر رىياز(Javed Akbar Riaz)نىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، يارىلانغان خىتاي پۇقراسى ۋە ئۇنىڭ باشقا ھەمراھى ساقچىلار قوغدىمىغان شارائىت ئاستىدا ماشىنا ھەيدەپ، كاراچىدىكى بىر سانائەت رايونىغا بارغان. تۇيۇقسىز موتوسىكلىت مىنىۋالغان ئىككى نىقابلىق قوراللىق كىشى ئۇلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان. ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر تەرەپ بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن چارشەنبە كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ بۇ ئىشقا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاي پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي پۇقرالىرى ۋە ئۇلارنىڭ پاكىستاندىكى مال-مۈلۈكلىرىنى قوغدىشىغا تولۇق ئىشىنىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پاكىستاندا ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى بارغانسېرى كۆپەيگەن بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى خىتاي ئىشچىلىرى پايتەخت ئىسلامئابادنىڭ شىمال تەرىپىدىكى يىراق شەھەر داسۇدىكى ئىش مەيدانىغا قاراپ كېتىۋاتقاندا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانىدى. خىتاي خىزمەتچىلىرى ئولتۇرغان ماشىنا ئەترىتى تۇرۇشلۇق قورۇدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا پارتلاش يۈز بەرگەن. ھۇجۇمدا 13 ئادەم ئۆلگەندىن باشقا، كەم دېگەندە 41 ئادەم يارىلانغان ۋە ماشىنا ئەترىتىگە ھەمراھ بولۇپ ماڭغان ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچىمۇ پارتلاشتا ئۆلگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 1012 قېتىم كۆرۈلدى
29/07/2021 12:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق