ماراكەش دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى ئىدرىس ھەسەنگە ئالاقىدار بەزى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى

ئالدىنقى كۈنلەردە تۈركىيەدىن ياۋروپاغا بېرىش سەپىرى جەريانىدا ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر ياش ئىدرىس ھەسەننىڭ ئەھۋالى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۈركىيەدە ياشاپ كەلگەن 33 ياشلىق ئۇيغۇر ياش ئىدرىس ھەسەن بىر ھەپتە ئىلگىرى ئۆز بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ياۋروپاغا كېتىشنى قارار قىلىپ، ئىستانبۇلدىن يولغا چىققان بولۇپ، 20-ئىيۇل كەچتە ماراكەشنىڭ كاسابلانكا ئايرودۇرۇمىغا ئالمىشىش ئۈچۈن چۈشكەن ۋە شۇ جايدىلا تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ جەرياندا ئىدرىس ھەسەن ئايالىغا ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۆزىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، خىتايغا قايتۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلىشقا ئاران ئۈلگۈرەلىگەن.

نۆۋەتتە ئىدرىس ھەسەن خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئالدىنقى كۈنلەردە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىدرىس ھەسەننىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن، تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتكە چاقىرىق قىلدى.

تۈنۈگۈن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ماراكەش دائىرىلىرىنى ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرماسلىققا ۋە دەرھال قويۇۋېتىشكە چاقىردى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش پىروگراممىسىنىڭ باشلىقى جوئەن مارىنېر (Joanne Mariner) بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ماراكەش دائىرىلىرى ئىدرىس ھەسەننىڭ دەرھال ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشۈشىگە، ھەر قانداق يۆتكەش بۇيرۇقىغا قارشى چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى، شۇنداقلا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، بىخەتەرلىكىنى جەزملەشتۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە: «ئىدرىس ھەسەننى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەھشىيلەرچە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشقا، زىيانكەشلىككە ۋە قىيىن-قىستاققا ئۇچراۋاتقان خىتايغا قايتۇرۇش خەلقئارالىق قانۇنغا خىلاپ» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

ئۇندىن باشقا تۈنۈگۈندىن بۇيان ئامېرىكا ئاۋازى، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ۋە ئەنگلىيەنىڭ مۇھاپىزەتچى گېزىتى قاتارلىق خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرى ئىدرىس ھەسەن ھەققىدە ئارقا-ئارقىدىن مەخسۇس خەۋەر ئىشلىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 27-ئىيۇل ماراكەش دۆلەت بىخەتەرلىك باش ئىدارىسى ئىستانبۇلدىن يولغا چىققان بىر «خىتاي پۇقراسى»نىڭ 20-ئىيۇل كاسابلانكادىكى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قونغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭ تېررورلۇق تىزىملىكىدىكى تەشكىلاتقا چېتىشلىق بولغانلىقى سەۋەبلىك، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى (ئىنتېرپول) تەرىپىدىن قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن شەخس ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى خىتاي رېجىمىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان، شۇنداقلا نۆۋەتتە ماراكەشنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىنىڭ خىتاينى ۋە خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنى بۇ ھەقتە خەۋەرلەندۈرگەنلىكىنى، مەزكۇر شەخسنى ماراكەشنىڭ تەپتىش ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى، قايتۇرۇش خىزمىتىنىڭ باشلىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. گەرچە ماراكەش دائىرىلىرى مەزكۇر شەخسنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىدرىس ھەسەن ئىكەنلىكى ئېنىق ئىكەن.

ئىدرىس ھەسەن 2012-يىلى خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىگە جايلاشقان خىتاي نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك 2012-يىلى 7-ئۆكتەبىر تۈركىيەگە كەلگەن. ئۇ تۈركىيەدە ياشاش جەريانىدا خىتاينىڭ ئەرز-شىكايىتى سەۋەبلىك كۆپ قېتىملىق تۇتقۇن قىلىنغان. جۈملىدىن 2017-يىلى 6-ئاپرېلدىن 2018-يىلى 6-ئاپرېلغىچە ساق بىر يىل ئەرزۇرۇم كۆچمەنلەر ئىدارىسى ۋە ئايدىن كۆچمەنلەر ئىدارىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان.

ئىدرىس ھەسەن كۆپ تىل بىلىدىغان تىرىشچان ياش بولۇپ، گىرافىك لايىھەلەش، تور بەت ياساش، فىلىم مونتاژ قىلىش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. بۇ جەرياندا بىر قىسىم تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەتلىرىگە ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە پاش قىلىشقا ئاكتىپ كۈچ چىقىرىپ كەلگەن. نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىدرىس ھەسەننىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقان بولۇپ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى پائالىيەتچىلەر ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىدرىس ھەسەننى تېزدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

بۇ خەۋەر 1993 قېتىم كۆرۈلدى
28/07/2021 17:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق