خېنەننىڭ قىسمەن جايلىرى يەنىلا خەتەر ئىچىدە قالغان

خىتاي خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خېنەننىڭ قىسمەن جايلىرى يەنىلا خەتەر ئىچىدە قالغان بولۇپ، يەتتە چوڭ سۇ ئامبىرىنىڭ سۈيى يۇقىرى چەكتىن ئېشىپ كەتكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خېنەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئۇچۇر ئىشخانىسى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش جىددىي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىندا ئاشكارىلىنىشىچە، 28-ئىيۇل سائەت 12:00 گىچە خېنەندىكى قاتتىق يامغۇر سەۋەبلىك يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 73 گە يەتكەن. خېنەندىكى 1600 دىن ئارتۇق يېزا-بازار ۋە 13 مىليون 660 مىڭ كىشى ئاپەتنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان بولۇپ، شىنشياڭ قاتارلىق بىر قىسىم رايونلار يەنىلا خەتەر ئىچىدە ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەتتە چوڭ سۇ ئامبىرى ۋە 31 ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرىنىڭ سۈيى يۇقىرى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن.

خېنەن ئۆلكىلىك جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش بۆلۈمى ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خېنەن يەنە «ساليۇت»ناملىق تەيفېڭ بورىنىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە 2-نومۇرلۇق بۇيرۇق چۈشۈرگەن. نۆۋەتتە خېنەن ئۆلكىسى يەنىلا كەلكۈن پەسلى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ مۇھىم مەزگىلىدە تۇرماقتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم خېنەندە يۈز بەرگەن ئاپەتتە ئۆلكە 256 مىڭ ئاھالە باشقا يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئاپەتنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان زىرائەتلەرنىڭ كۆلىمى 215.2 مىڭ گېكتارغا يەتكەن. بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 1 مىليارد 222 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 813 قېتىم كۆرۈلدى
28/07/2021 12:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق