بىلىنكېن ھىندىستان زىيارىتىدە خىتايغا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 27-ئىيۇل يېڭى دېھلىغا يېتىپ بېرىپ، ھىندىستان زىيارىتىنى رەسمىي باشلىغان. 

ئانتونى بىلىنكېن زىيارىتىدە ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى (Narendra Modi)ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراخمانيام جايشانكار (Subrahmanyam Jaishankar)بىلەن سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، سۆھبەتتىكى باش تېما خىتاي مەسىلىسى بولغان. خەۋەردە بايدېننىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، خىتاي ۋە رۇسىيەگە قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

ھىندىستان ئىلگىرى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك مەسىلىسىگە بىرئاز پاسسىپ پوزىتسىيەدە بولغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش يولىنى تۇتقان. ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا ھىندىستان بىلەن خىتاي توقۇنۇشقاندىن بۇيان، ھىندىستاننىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسى كۈنسېرى كەسكىنلىشىپ، ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، خىتايغا قارشى تۇرۇشنى خالايدىغان ھالغا كەلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھىندىستان مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋېندى شېرمان (Wendy Sherman)تيەنجىندە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ۋە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شيې فېڭ بىلەن كۆرۈشكەن بولسىمۇ، بىراق سۆھبەتلەر نەتىجىلىك بولمىغان.

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مۇزاكىرە قىلىشنى پىلانلىغان تېمىلار خىتاي ۋىرۇسى، بىخەتەرلىك، مۇداپىئە، تور ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ھىندىستان تەرەپنىڭ نىشانى سودا، مەبلەغ سېلىش، ساقلىقنى ساقلاش ۋە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ھىندىستان تەرەپ قىزىقىدىغان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئىكەن. 

ئۇندىن باشقا بىلىنكېن ھىندىستان زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىنكى ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىمۇ مۇزاكىرە قىلىدىكەن. ھىندىستاننىڭ ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسى ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىسىگە قارىتا، ئامېرىكا ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى داۋاملىق نازارەت قىلىدىغانلىقى ۋە ئارىلىشىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىدىكەن.

بۇ خەۋەر 708 قېتىم كۆرۈلدى
28/07/2021 12:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق