خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسىم جايلىرىغا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتكەن

بۆرتالا گېزىنىڭ 26-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» دائىرىلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر قىسىم ۋىلايەت، شەھەرلەرگە مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يېقىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» دائىرىلەر 2021-يىللىق نەق مەيداندا تەكشۈرۈشكە سەپەرۋەرلىك قىلىش يىغىنى تەشكىللىگەن. يىغىندا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 26-ئىيۇلدىن 1-ئاۋغۇستقىچە تۆت تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى ئىلى، بورتالا، ئۈرۈمچى، قومۇل، ئاقسۇ ۋە قەشقەر قاتارلىق ئالتە ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)كە ئەۋەتىدىكەن.

مەزكۇر خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسلىق نىشانىدا «مۇھىم تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىش، سودا مۇھىتىنى ئىسلاھ قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش» قاتارلىق بەش نۇقتىنى چۆرىدىگەن ھالدا، يوشۇرۇن تەكشۈرۈشنى ئاساس قىلىش لازىملىقى قەيت قىلىنغان. 

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا باشلىغان بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش 2021-يىلى 1-فېۋرال ئېلان قىلىنغان «ھۆكۈمەت تەكشۈرۈش خىزمىتى نىزامى»غا ئاساسەن يولغا قويۇلغان بولۇپ، دائىرىلەر شەرقىي تۈركىستاندا بۇ يىل تۇنجى قېتىملىق كەڭ دائىرىلىك، ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى باشلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي ساھەلەردىكى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىگىلەشنى نىشانلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1269 قېتىم كۆرۈلدى
27/07/2021 14:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق