ئامېرىكا خىتايغا قارشى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنى ئۆزىگە تارتماقتا

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارشى كۆپ تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشى، دەپ قارالغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن (Lloyd Austin)بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانى زىيارەت قىلغان تۇنجى كابىنېت ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، زىيارىتىنى رەسمىي باشلىغان. ئۇ زىيارەت داۋامىدا ئېنىق قىلىپ ۋاشىنگتوننىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇشتا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ئوستىننىڭ سەيشەنبە سىنگاپوردىكى ئەنگلىيە خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئورنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، شۇنداقلا ۋىيېتنام ۋە فىلىپپىندىكى سۆھبەتلىرىدە خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى، بۇ رايوندىكى ئەركىنلىكنى قوغداش ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ۋاشىنگتوندىكى ئەقىل ئامبىرى ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا مۇتەخەسسىسى گىرېگورى پولىڭ (Gregory Poling)بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوننىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلىدىغانلىقىنى، ئىستراتېگىيەسىنىڭ زور بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 

ئوستىن ئەسلىدە بۇ يىل 6-ئايدا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭگرىلا يىللىق سۆھبىتىگە قاتنىشىشنى پىلانلىغان، ئەمما خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك يىغىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئوستىن چارشەنبە بەش بۇرجەكلىك بىنادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۆزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئەركىنلىكى ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلەشنى پىلانلىغانلىقىنى، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا ئاساسسىزلا ئىگىدارچىلىق قىلىش داۋاسىنىڭ دېڭىز ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ھېچقانداق بىر دۆلەت بۇ قائىدىلەرنى خالىغانچە بەلگىلىمەسلىكى كېرەك دەپ قارايمىز» دېگەن.

بۇ خەۋەر 774 قېتىم كۆرۈلدى
27/07/2021 12:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق