كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى قۇربانلىق تارقاتتى

كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى قۇربان ھېيت كۈنلىرى قۇربانلىق قىلىشقا قۇربىتى يەتمىگەن بىر قىسىم ئائىلىلەرگە قۇربانلىق تارقىتىپ بەردى.

قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى سەفاكۆي شۆبىسىدە قۇربانلىق قىلىشقا قۇربىتى يەتمىگەن ئائىلىلەرگە، يېتىملارغا ۋە ياشىنىپ قالغانلارغا 650 تۇياق قوي، 65 تۇياق كالا قۇربانلىق تارقاتتى. بۇندىن سىرت يەنە ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى سەفاكۆيدىكى ئۇيغۇر مەسچىتىدە ۋە ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى زەيتىنبۇرنۇدا ئورۇنلاشتۇرغان ھېيتلىشىش پائالىيىتىدە بالىلارغا ھېيتلىق سۈپىتىدە جەمئىي 20 مىڭ لىرا تارقىتىپ بەردى.

كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى قۇربان ھېيتتىن بۇرۇنمۇ كېسەل، ياشانغان ۋە قارىغۇچىسى يوق، ياردەمگە ئېھتىياجلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارغا ھېيتلىق كىيىم-كېچەك ۋە ماددىي بۇيۇم تارقىتىپ بەرگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 959 قېتىم كۆرۈلدى
27/07/2021 12:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق