خىتاي ئاتالمىش «شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش» ھەققىدە مەخسۇس يىغىن ئاچتى

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 19-ئىيۇلدىن 21-ئىيۇلغىچە 8-قېتىملىق ئاتالمىش «مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى» ئاقسۇدا ئېچىلغان. يىغىنغا چېن چۈەنگو ۋە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاتالمىش «مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى»نىڭ باشلىقى ۋاڭ ياڭ قاتارلىقلار قاتناشقان.

يىغىندا تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش «ئەبەدىي ئەمىنلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، ئەقلىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش، ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدە كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئەۋەتىش، ئۇلارنى قەدىرلەپ، كۆڭۈل بۆلۈش» قاتارلىق نۇقتىلار دىققەت تارتىدىغان بولۇپ، خىتايلارنى ئىختىساسلىقلار نامىدا شەرقىي تۈركىستانغا داۋاملىق كۆپلەپ يەرلەشتۈرۈش پىلانى پەردازلىنىپ ئىپادىلەنگەن.

يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستاننى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلغۇزۇش» قاتارلىق يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قايتا تەكىتلىگەن. ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»مۇ بۈگۈن مەزكۇر يىغىن ھەققىدە باش ماقالە ئېلان قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئاتالمىش ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ كۆپ خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن بولۇپلا قالماي، يەنە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك تۈرلۈك خەلقئارالىق جازالارغا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، تېخىمۇ كۆپلىگەن شىركەت-كارخانىلارنى قايتىدىن ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1486 قېتىم كۆرۈلدى
23/07/2021 15:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق