خىتاي بۇ ھېيتتىمۇ ساختا كۆرۈنۈشلەر بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇندى

خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بۇ قېتىممۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇ يىللىق قۇربان ھېيتىنى خۇشال تەبرىكلەنگەنلىكى ھەققىدە ئالاھىدە تەييارلانغان سىن ۋە سۈرەتلەرنى تارقىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇندى. 

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتى خەلقئارادا كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلگەن، خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى بىر قىسىم دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتاپ، خىتاينى خەلقئارادا يالغۇز قالدۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي بۇ يىللىق قۇربان ھېيت مەزگىلىنى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش پۇرسىتى قىلىشقا ئۇرۇنغان. 

قۇربان ھېيت كېلىشى بىلەن خىتاي رېجىمى يەرشارى ۋاقىت گېزىتى، خىتاي كۈندىلىك گېزىتى قاتارلىق ئورگان تاراتقۇلىرىدا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر، خوتەن، ئۈرۈمچى قاتارلىق ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆرۈنۈشلەردىن قىسقا سىن ۋە سۈرەتلەرنى كىرىشتۈرۈپ تارقىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى خۇشال-خۇرام ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ» دېگەن ساختا كۆرۈنۈشنى نامايان قىلماقچى بولغان. 

خىتاي مەزكۇر سىنلاردا، ئىلگىرى قۇربان ھېيت مەزگىلىدە قايناق بازارغا ئايلىنىدىغان خوتەن ۋە  قەشقەرنىڭ كوچىلىرىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، نەچچە مىليون خەلق جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قامالغانلىقى سەۋەبلىك، ئادەمسىز كوچىلارغا ئايلىنىپ قالغان خوتەن ۋە قەشقەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاشكارىلاپ قويغان. خىتاي پىلانلىق تەشكىللىگەن ناخشا-ئۇسسۇل سورۇنلىرىدىكى قاتناشقۇچىلارنىڭ ئازلىقىمۇ بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ ساختىلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.

ھالبۇكى، خىتاي ساختا تەشۋىقاتىغا شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاتالمىش خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇرچە ئورگان تور بېتىدە ۋە ئۈندىدار سۇپىلىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنى بولغان قۇربان ھېيت توغرىسىدا ھېچقانداق مەزمۇن يوللانمىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىغا ئالاقىدار ھەممە نەرسىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ھېيت نامىزى ئوقۇش، قۇربانلىق قىلىش، تۇپراق بېشىنى يوقلاش، توپلىشىپ ھېيتلىشىش قاتارلىق ھېيتلىق پائالىيەتلەرنىڭ ئاللىبۇرۇن چەكلەنگەنلىكىنى، خىتاينىڭ مەزكۇر تەشۋىقاتلىرىنىڭ پەقەت خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈن ياساپ چىقىلغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ ئىنچىكە ھالقىلاردا يەنىلا دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. 

بۇ خەۋەر 1317 قېتىم كۆرۈلدى
21/07/2021 16:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق