خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات كۈچىنى نىشانلىق كېڭەيتمەكتە

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بارلىق رادىيو-تېلېۋىزىيە سىستېمىسىنى ئاتالمىش «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى» نامىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ھەرىكىتىگە سەپەرۋەر قىلغان. 

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 15-ئىيۇل ئۈرۈمچى شەھىرىدە «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە رادىيو-تېلېۋىزىيە سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى» نامىدا يىغىن ئېچىلغان. يىغىنغا خىتاي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى مېڭ دۇڭ، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى»نىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن قاتارلىقلار قاتناشقان. 

يىغىندا خىتاي رادىيو-تېلېۋىزىيە سىستېمىسىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى» مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ۋە بۇنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىشقا سەپەرۋەر قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.  

تيەن ۋېن يىغىندا يەنە خىتاي رادىيو-تېلېۋىزىيە سىستېمىسىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭنى خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» خىزمىتىدىكى ئاساسلىق كۈچ ئىكەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا ئاساسىي بازا قۇرۇش، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش رادىيو سىستېمىسى قۇرۇش، رادىيو-تېلېۋىزىيەنى ھەممە ئائىلىلەردە ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق مەقسەتلىك قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

يىغىندا بىر قىسىم ئۆلكە، شەھەرلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىلىرىدىن ئاتالمىش  «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى» نامىدا شەھەر ۋە يېزىلارغا مەخسۇس تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى ھەم تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كىرىشتۈرۈپ ئىشلەپ تارقىتىش تەكىتلەنگەن.

خەلقئارالىق نوپۇزلۇق تاراتقۇلارنىڭ ئېنىقلىشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي رېجىمى ئىچى-سىرتىدىكى ساختا تەشۋىقاتىنى شىددەت بىلەن كۈچەيتكەن. كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ بارلىق تەشۋىقات سىستېمىسىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ساختا تەشۋىقاتلىرى، قىزىل تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىش، خىتايلاشتۇرۇش ۋە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررور سىياسىتىنى يوشۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1308 قېتىم كۆرۈلدى
17/07/2021 18:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق