گېرمانىيە مۇخبىرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيارىتى تۈرلۈك توسقۇنلۇقلارغا دۇچ كەلدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە مۇخبىرلىرى يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ۋەزىيەتنىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقاتىدىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىغان. 

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، گېرمانىيە ئاممىۋى رادىيو بىرلەشمىسىنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى بىلەن گېرمانىيە «سودا گېزىتى»نىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە بارغان. ئۇلارنىڭ مەقسىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى گېرمانىيە كارخانىلىرىنى زىيارەت قىلىش ئىكەن. ئۇلار شەرقىي تۈركىستانغا كىرگەندىن كېيىنلا، يول بويى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كۆپ قېتىم تەكشۈرۈشى ۋە نازارەت قىلىشىغا دۇچ كەلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇلار ھەر كۈنى ئەتىگەندە، مېھمانخانىنىڭ يېنىدا ماشىنىدا ئولتۇرۇپ ئۇلارنى ساقلاۋاتقان خىتاي خادىملارنى كۆرگەن. كەم دېگەندە ئۈچ كىشى نۆۋەتلىشىپ ئۇلارنىڭ پېيىغا چۈشكەن. ئۇلار مۇخبىرلارنىڭ ئۆزلىرىنى بايقاپ قېلىشىغا پەرۋا قىلمىغان ھەمدە ھەرۋاقىت تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى يۇقىرىغا دوكلات قىلغان. مۇخبىرلار مەيلى كورلىدىكى باسف شىركىتىنىڭ زاۋۇتىنى زىيارەت قىلغاندا بولسۇن ياكى ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى ۋولكىس ۋاگېن شىركىتىنىڭ زاۋۇتىنى زىيارەت قىلغاندا بولسۇن، يولدا كۆپ قېتىم تەكشۈرۈش پونكىتىغا دۇچ كەلگەن. ساقچىلار ئۇلارنىڭ كىملىكىنى قاتتىق تەكشۈرگەن بولۇپ، ھەر قېتىم  تەكشۈرگەندە يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت كەتكەن.

ۋولكىس ۋاگېن شىركىتى «گېرمانىيە تەرەپ دىرېكتورىمىز يۇقۇم سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىغا بارالمىدى» دېگەن سەۋەب بىلەن ئىككى مۇخبىرىنىڭ زىيارەت تەلىپىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئىككى مۇخبىر ئالدىن خەۋەر بەرمەيلا زاۋۇتقا تۇيۇقسىز بارغان. ئۇلار دەرۋازا ئالدىدا سۈرەتكە تارتقاندا بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان. مۇخبىرلار تاكسىغا ئولتۇرۇپ شەھەرگە قايتىپ كېلىۋاتقاندا، ھەتتا تاكسى شوپۇرىمۇ بىر تېلېفون قوبۇل قىلىپ: «شۇنداق، ئىككى چەت ئەللىك» دەپ جاۋاب قايتۇرغان. 

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، ئىككى مۇخبىر ۋولكىس ۋاگېننىڭ زاۋۇتى يېنىدىكى جازا لاگېرىغا بېرىپ، دەرۋازىغا «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى» دېگەن پىلاكات ئېسىلغان بىنانى كۆرگەن ۋە بىنانىڭ ھەممە يېرىگە كۆزىتىش كامېراسى ئورنىتىلغانلىقىنى بايقىغان. ئۇلار بىنانىڭ يېنىدا بىر نەچچە مىنۇت تۇرغان بولۇپ، بىنا ئىچىدىن تۇتقۇنلارنىڭ قىزىل ناخشىلارنى ئېيتقان ئاۋازىنى ئاڭلىغان. ئۇلار قايتىپ يولغا چىقماقچى بولغاندا، سەككىز ساقچى تەرىپىدىن قاتتىق تەكشۈرۈلگەن.

خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى تەكشۈرۈشىگە ئىزچىل ھالدا قاتتىق توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان بولۇپ، بىۋاسىتە دەلىل-ئىسپاتلارغا ئېرىشىش تەسكە توختىماقتا. شۇنداقتىمۇ بىر قىسىم چەت ئەللىك مۇخبىرلار خىتاينىڭ تۈرلۈك تەھدىتلىرى ۋە پاراكەندىچىلىكلىرىگە قارىماي، شەرقىي تۈركىستاننى قىسقا ۋاقىت بولسىمۇ زىيارەت قىلىپ، بىر قىسىم قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ۋە كۆرۈنۈشلەرگە ئېرىشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1617 قېتىم كۆرۈلدى
17/07/2021 14:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق