تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى بوسنىيەدە بىر قىسىم ئورگانلارنى زىيارەت قىلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى ئاممىۋى دىپلوماتىيە زىيارىتى ئۈچۈن 15-ئىيۇل بوسنىيە گېرتسېگوۋىناغا يېتىپ بارغان بولۇپ، بۈگۈن بىر قىسىم ئورگان ۋە تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلدى.

ھەيئەت بۈگۈن ئالدى بىلەن خەلقئارا دېموكراتچىلار بىرلىكى بوسنىيە شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئەمىنە سېچروۋىچ قاشلى خانىمنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى تونۇشتۇردى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى بالقان يېرىم ئارىلىدىكى دۆلەتلەرگە قايسى تەرىقىدە ئۈنۈملۈك تونۇشتۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە پىكىرلەشتى.

ئەمىنە خانىم زىيارەتتىن كېيىن تىۋىتتېر ھېسابىدا: «بۈگۈن سارايبوسنادا مېھمانلارنى ئەمەس، بەلكى قېرىنداشلىرىمىزنى كۈتۈۋالدۇق. شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك» دەپ ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى.

ھەيئەت ئارقىدىن يەنە ھەسەنە خەلقئارا بالقانلار رايونى مەركىزىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ھەيئەتنى مەركەزنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور سەداد بېسلىجا ئەپەندى ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى. زىيارەت داۋامىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغاندىن سىرت، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، بالقان رايونىدا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى تونۇشتۇرۇپ تەشۋىق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

ھەيئەتنىڭ بۈگۈنكى ئەڭ مۇھىم زىيارەتلىرىدىن بىرى سارايېۋو خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى زىيارىتى بولدى. ھەيئەتنى ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى پىروفېسسور، دوكتور ئەھمەد يىلدىرىم كۈتۈۋالدى. زىيارەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، شەرقىي تۈركىستانلىق ياشلارنىڭ تۈرلۈك ساھەلەردە تەربىيەلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

بوسنىيە خەلقئارالىق سەھنىلەردە ئىزچىل شەرقىي تۈركىستان خەلقى تەرەپتە تۇرغان بولۇپ، بۇلتۇر ئۆكتەبىردە ب د ت دا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئەيىبلەپ ئاۋاز بەرگەن 39 دۆلەتنىڭ، ئالدىنقى ئايدا يەنە ب د ت دا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن 44 دۆلەتنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

بۇ خەۋەر 1287 قېتىم كۆرۈلدى
16/07/2021 16:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق