خىتاي ئاققۇنلىرى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈلمەكتە

خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ زىيانكەشلىك قىلىش بىلەن بىرگە، زور تۈركۈمدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئېتىبار سىياسەتلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈپ كەلمەكتە.

يېقىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقىتىلغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل پىلانىغا ئاساسەن، ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىشكە رىغبەتلەندۈرگەن.

بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر سىندا غۇلجىغا جايلاشقان ئاتالمىش «تۆتىنچى دىۋىزىيە 78-مەيدان» تەۋەلىكىدىكى ئارال كەنتىگە خىتاي كۆچمەنلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش ئېلانى تارقىتىلغان. ئېلاندا ئارال كەنتىگە كۆچۈپ كەلگەنلەرگە ھەقسىز يەر ۋە ئۆي بېرىلىدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان.

يەنە بىر سىندىمۇ بىر ئاققۇن خىتاي ئاتالمىش «شىنجاڭ 16-مەيدانى»غا كۆچۈپ يەرلەشكەنلەرگە ھەقسىز يەر، ئۆي بېرىلگەندىن باشقا، خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ پۈتۈنلەي راست ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئىقتىسادىي ياردەم ۋە ئېتىبار سىياسەتلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش  مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1212 قېتىم كۆرۈلدى
16/07/2021 11:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق