خەلقئارا ش ت ت ب ھەيئىتى بوسنىيە گېرتسېگوۋېنا زىيارىتىنى باشلىدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت بۈگۈن بوسنىيە گېرتسېگوۋېناغا يېتىپ بېرىپ، زىيارىتىنى رەسمىي باشلىدى.

ھەيئەت زىيارەت داۋامىدا بوسنىيەدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلات رەھبەرلىرى، ئاكادېمىكلار، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە شەخسلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشنى پىلانلىغان.

بوسنىيە ئالدىنقى قېتىم ب د ت دا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى ئاۋاز بەرگەن 39 دۆلەتنىڭ بىرى. بوسىنىيە گېرتسېگوۋىنا خەلقى ئالدىنقى ئەسىردە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئوخشاش ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئەلى ئىززەت بېگوۋىچنىڭ رەھبەرلىكىدە زور كۈرەش ۋە پىداكارلىقلاردىن كېيىن مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن. بوسنىيە 1992-يىلى سابىق يۇگوسلاۋىيە سوتسىيالىستىك فېدىراتسىيەسىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان. بىراق دۆلەتتىكى سىربلارنىڭ بۇنىڭغا قارشى چىقىشى نەتىجىسىدە، بوسنىيە ئۇرۇشى پارتلىغان ۋە بۇ دۆلەتتىكى بوسنىيەلىك مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى چاغدا سارايېۋو قىرغىنچىلىقىدا 10 مىڭ، سىرېبرېنىكا قىرغىنچىلىقىدا بولسا 8000 بوسنىيەلىك مۇسۇلمان ئۆلتۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 1561 قېتىم كۆرۈلدى
15/07/2021 18:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق