خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتى تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىدى

تەيۋەن ھەپتىلىك گېزىتى تورىنىڭ 13-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ مىللىي كىملىكى سەۋەبلىك ئىرقىي كەمسىتىشكە ئۇچراپ، شاڭخەيدە ئۆي ئىجارە ئالالمىغانلىقى مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، گۇاڭجۇ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بىر ئۇيغۇر قىز يېقىندا شاڭخەيدە ئىجارە ئۆي ئىزدىگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر بولغانلىقى سەۋەبلىك ئۆي ئىگىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. ئۇ 12-ئىيۇل مىكرو بىلوگ ھېسابىدا خىتاي كىملىكىنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ: «ماڭا خىتايدا ئۆي ئىجارە بەرمىسە، نەدىن ئىجارە ئالىمەن، ئەجەبا ئىجارە ئۆي ئېلىش ئۈچۈن چەت ئەلگە چىقىمەنمۇ؟» دەپ يازغان. ئۇنىڭ بۇ يازمىسىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە 50 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قوللىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇر قىزغا بىر خىتاي ئۆي ئىگىسى: «ئۇيغۇرلار بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئاسان ئەمەس. سىلەر بۇ يەردە بولغاچقا، يەرلىك ساقچىخانىلار ناھايىتى قاتتىق باشقۇرىدۇ. ئۆي ئىگىلىرىمۇ ئۆزىگە ئاۋارىچىلىك تېپىۋېلىشنى خالىمايدۇ» دېگەن. ئۇيغۇر قىز يوللىغان مەزكۇر مىكرو بىلوگ ئۇچۇرى ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆچۈرۈۋېتىلگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىرقىي كەمسىتىشكە ئۇچرىشى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن بىر ئەھۋال بولۇپ، تۇرمۇش، سودا، ئوقۇش جەھەتلەردە تۈرلۈك توسالغۇلارغا ئۇچراپ كەلمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە قارىتا «ئۇيغۇرلار بەختلىك ياشاۋاتىدۇ، كىشىلىك ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى» دەپ بىلجىرلاشلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئىزچىل تۈردە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداپ كېلىۋاتقانلىقىنى، يۇقىرىقى خەۋەرنىڭ بۇنىڭ ئەمەلىي ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1650 قېتىم كۆرۈلدى
14/07/2021 11:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق