نايك شىركىتىنىڭ ئاياغلىرىنى ياساۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرى دىققەت قوزغىدى

يېقىنقى ئايلاردا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن تارقىلىۋاتقان سىنلار شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مەلۇم جەھەتتىن ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.
بىر نەچچە كۈندىن بېرى تارقالغان سىنلاردا شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەت جەريانى كۆرسىتىلگەن. سىندا 20-25 ياشلار چامىسىدىكى ياش ئوغۇللارنىڭ روزېتكا قۇراشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، روزىتكىلارنىڭ ياسىلىش ئۆلچىمىگە قارىغاندا، بۇلارنىڭ چەت ئەلگە ئېكسپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلار ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئىكەن.
يەنە بىر سىندا ئوخشاشلا خىتاي ئۆلكىلەرگە سۈرگۈن قىلىنغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ خىتايدىكى نايك ماركىلىق ئاياغلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقانلىقى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەپ رەسىم سىزىشقا ۋە كۆرگەزمە قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ھالبۇكى، نايك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى بىر نەچچە كۈن بۇرۇنقى سۆزىدە نايك ماركىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي خىتايلارغا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ، قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى قوللاش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتى دۇنيا كۈنتەرتىپىگە كېلىپ، ئەيىبلەش سادالىرى كۈچىيىشكە باشلىغاندا، خىتاي يەنە بۇرۇنقىدەك ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن ساختا تەشۋىقات سىنلىرىنى كۆپلەپ تارقىتىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىش ئورنىغا ئىگە بولغانلىقىنى، يۇقىرى مائاش بىلەن «خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقى»نى داۋراڭ سالماقتا. ھالبۇكى، بۇ خىل سىنلار خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1316 قېتىم كۆرۈلدى
02/07/2021 14:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق