قىسقا سىنلار ئۇيغۇرلارنىڭ خورلۇق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە

يېقىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان سىنلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېغىر باستۇرۇش، نازارەت ۋە خورلۇق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
مەزكۇر سىنلارنىڭ بىر قىسمىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلق ئىشلىتىدىغان پىچاق، قىڭراق ھەتتا قايچىلارغا لازېر نۇر بىلەن كىملىك نومۇرى ۋە ئىككىلىك كودى كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى، قىڭراقنىڭ مۇقىم بىر ئورۇنغا باغلىۋېتىلىدىغانلىقى، مەيلى دۇكاندا بولسۇن، مەيلى ئۆيدە بولسۇن، بارلىق تىغلىق ئەسۋابلارغا كود بىلەن كىملىك نومۇرى كىرگۈزۈشنىڭ مەجبۇرىي ئىكەنلىكى، تەلەپ بويىچە كود قويۇلمىغان تىغلىق ئەسۋابلارنىڭ ساقچى تەرەپتىن يىغىۋېلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. سىندا كۆرسىتىلىشىچە، ھەتتا دۇكانغىمۇ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چاپلانغان. بۇ ھەقتىكى سىنلار بۇرۇنمۇ تارقالغان بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى.
يەنە بىر نەچچە سىندا بولسا خىتاي بىلەن مەجبۇرىي توي قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايال كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئايالىنى كۆز-كۆز قىلىۋاتقانلىقى، ئۇ ئايالنىڭ داسقا سۇ ئەكىرىپ، خىتاي ئەرنىڭ پۇتىنى يۇيۇۋاتقانلىقى، ئۇ ئايالنىڭ 5-6 ياشلىق ئۇيغۇر قىزىنىڭمۇ ئاپىسىغا ئوخشاشلا داسقا سۇ ئەكىرىپ، ئۇ خىتاينىڭ پۇتىنى يۇيۇۋاتقانلىقى، شۇنداقلا خىتاينىڭ كىچىك قىزنىڭ يېنىدا تاماكا چېكىپ ئولتۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن. سىندىكى ئۇيغۇر ئايالنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن بۇنىڭ مەجبۇرىي توي ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش تەسكە توختىمايدىكەن. بۇندىن بۇرۇن تارقالغان مەلۇماتلار ۋە گۇۋاھلىق سۆزلىرىدىمۇ نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ جازا لاگېرى ياكى تۈرمىگە سولىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى ئاشكارىلانغان ۋە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
ئۇندىن باشقا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان يەنە بىر قىسىم سىنلاردا كورلا شەھىرى قاراباغ يېزىسىدىكى كىشىلەرنىڭ كېچە-كۈندۈز دېمەستىن ھەم ھاشارغا، ھەم سىياسىي ئۆگىنىش نامىدىكى خىتايچە دەرسلىرىگە قاتنىشىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. سىندىكى ھاشارغا سېلىنغانلارنىڭ ۋە سىياسىي ئۆگىنىشكە قاتناشتۇرۇلغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئايال كىشى ئىكەنلىكى كۆپ قىسىم ئەرلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1978 قېتىم كۆرۈلدى
29/06/2021 12:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق