ئۇستاز ياسىن داموللا ھاجىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئۇستاز ياسىن داموللام باشتا قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلىپ، شاھادەتنامە ئالغاندىن باشلاپ، ئىزچىل تۈردە ئوقۇتۇش ۋە دىنىي تەلىم-تەربىيە بىلەن شۇغۇللانغان. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسلام دىنىغا، ئەھلى ئۆلىمالارغا قاراتقان يوقىتىش، باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە باشلىغان، دىنىي تەلىم-تەربىيەنى قاراتمىلىق ھالدا چەكلەشكە باشلىغان بىر پەيتتە، 2013-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە ھىجرەت قىلغان. شۇندىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە تۈركىيەدە تۇرغان بولۇپ، مۆھتەرەم ئۇستاز 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتتى.
ئۇستاز ياسىن داموللام 1932-يىلى كورلا شەھىرىگە يېقىن قاراباغ يېزىسىدىكى ئىسلامىي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپ باشلانغۇچ بىلىمنى دادىسى ئەختەم ئىمام ئاخۇنۇم ۋە ھىدايەتۇللاھ داموللامدا ئوقۇغان. بالاغەت يېشىغا يەتكەندە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئىسلام دۇنياسىغا مەشھۇر قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇشنى باشلىغان. ئەقىدە، تەپسىر، ئەرەب تىلى گىرامماتىكىسى ، ئەرەب تىلى ئەدەبىياتى، فىقھى، مەنتىق (لوگىكا)، پەلسەپە ۋە ھەدىس قاتارلىق پەنلەرنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شاھادەتنامە ئېلىپ، ئۆز يۇرتى كورلىغا قايتقان.
مەرھۇم كورلىغا قايتىپ بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى 1949-يىلى خىتاي تاجاۋۇزچى ئارمىيەسى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان. خىتاي ئۇزۇن ئۆتمەي ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نى قوزغاپ، مەسچىت ۋە مەدرىسىلەرنى تاقاپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئومۇميۈزلۈك مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان.
كېيىن قانخور ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۆلۈمى بىلەن بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەت بىرقەدەر ياخشىلىنىشقا باشلىغان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دىنىي ئوقۇتۇش باشلانغان 80-يىلىنىڭ باشلىرى مەرھۇم كورلا شەھىرىدىكى ھىدايەتۇللاھ داموللا ھاجىمنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدە ئۇنتۇپ قالغان ئىلمىنىڭ بىر قىسىمىنى تەكرارلاش بىلەن بىرگە، دىنىي تەلىم-تەربىيە ۋە ئوقۇتۇش ھاياتىنى باشلىغان. مەرھۇم ئۇستاز تەخمىنەن 50 يىللىق ئۆمرىنى دىنى تەلىم-تەربىيەگە، ئۆلىما يېتىشتۈرۈشكە سەرپ قىلغان. (ئاللاھ بارلىق ئىلمىي خىزمەتلىرىنى قوبۇل قىلسۇن!)
مەرھۇم ئۇستاز ئىلىم ئۆگىتىش داۋامىدا كورلىلىق تالىپلارغا دەرس بەرگەندىن سىرت، شەرقىي تۈركىستاننىڭ توقسۇن، تۇرپان، كۇچا قاتارلىق ناھىيە ۋە شەھەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ياتاقلىق ۋە ياتاقسىز ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىلىم ئۆگەتكەن . مەرھۇمنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە دىنىي تەلىم-تەربىيە بېرىش، ئىسلام مەدەنىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان.
مەرھۇم ئۆمرىدە يەتتە قېتىم پەرز ھەج، يەتتە قېتىم ئۆمرە ھەج قىلغان. ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستاندا تەخمىنەن ئىككى يېرىم يىل تۇرغان، كېيىنكى ئۆمرىدە بولسا تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە تۇرغان. مەرھۇم ئۇستاز ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى قەيسەرىدە 89 يېشىدا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا سەپەر قىلدى. ئاللاھ قىلغان بارلىق دىنى خىزمەتلىرىنى قوبۇل قىلسۇن! بارلىق چوڭ-كىچىك گۇناھلىرىنى كەچۈرۈپ، پەيغەمبەر ۋە شېھىتلەر بىلەن بىرگە قىلسۇن، ئامىن!

بۇ خەۋەر 2209 قېتىم كۆرۈلدى
26/06/2021 18:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق