خىتاي كومپارتىيەسى يېڭى ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقى يېقىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ئاخبارات ئىشخانىسى «كومپارتىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەتلەش ۋە قوغداشتىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلغان.
مۇقەددىمە ۋە خاتىمىدىن سىرت يەتتە قىسىمدىن تەركىب تاپقان مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا «كومپارتىيە رەھبەرلىكى»، «مىللىي ئاپتونومىيە» دېگەن ئىبارىلەر كۆپلەپ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «خەلقنىڭ ئازادلىقى ۋە بەخت-سائادىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلغانلىقى ۋە قوغدىغانلىقى، خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ خوجايىنى بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى» قاتارلىق قېلىپلاشقان جۈملىلەر، شۇنداقلا خىتاينىڭ «دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى»دەك كۈلكىلىك بايانلار ئورۇن ئالغان.
ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت قاتارلىق خەلقئارا دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە: «خىتاي بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، ئۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، دۆلەتنىڭ ئىزچىل بىرلىكىنى ساقلايدۇ. بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىش ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىتتىپاقلىق كۈرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. بۇ خىتاي كومپارتىيەسى مىللىي سىياسىتىنىڭ مەقسىتى» دېيىلگەن ۋە «ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى، مىللىي ئاپتونومىيەنىڭ تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى» دەۋا قىلىنغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان، خوڭكوڭ قاتارلىق رايونلاردا يېقىندا ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتتە قاتتىق بېسىمغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىللىقى يېقىنلاشقان بىر پەيتتە، قىزىل تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ زورايتىپ، جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا كۈچەيتكەن باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ بۇ ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ئالدامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1242 قېتىم كۆرۈلدى
25/06/2021 11:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق