ئىستانبۇلدا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

بۈگۈن (23-ئىيۇن) خەلقئارا ئولىمپىك كۈنى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 2022-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە نارازىلىق نامايىشى تەشكىللەندى. جۈملىدىن ئىستانبۇلدىكى ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئالدىدىمۇ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىندى.
پائالىيەتنى شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، ئالدى بىلەن د ئۇ ق ۋەقفى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى سۆز قىلىپ، 2022-يىلى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا نەچچە مىليون خەلقنى جازا لاگېرىغا قاماپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بىكار قىلىپ، باشقا دۆلەتتە ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تاھىر كۆك بايراق ئەپەندى بايانات ئوقۇپ ئۆتتى. باياناتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيەتكە قارشى تېررور سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنىڭ ئولىمپىك روھىغا زىت ئىكەنلىكى، شۇڭا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باشقا دۆلەتتە ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلغان خىتايغا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بېرىپ، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرىغا شېرىك بولۇپ، ئولىمپىكنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپقا قارشى ھەرىكەت قىلغانلىقى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلدى، شۇنداقلا ئولىمپىك كومىتېتى 2008-يىلى خىتايغا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلغان خاتالىقىنى قايتا سادىر قىلماسلىققا چاقىرىلدى.
ئارقىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى يەتتە دۆلەت «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى»دەپ ئېتىراپ قىلغان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىنى قوللىغانلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى قوللاش بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
مەزكۇر پائالىيەت بۈگۈن 50 نەچچە دۆلەتتىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئورتاق شوئار ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتتە ئولىمپىك كومىتېتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىردەك بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىلغان. جۈملىدىن ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش نامايىشى ئۆتكۈزگەن.

بۇ خەۋەر 1052 قېتىم كۆرۈلدى
23/06/2021 18:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق