ئامېرىكا: خىتاي ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈشنى رەت قىلسا خەلقئارادا يالغۇز قالىدۇ

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ: «خىتاي ئەگەر ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشنى رەت قىلىدىكەن، خەلقئارا جەمئىيەتتە يالغۇز قالىدۇ» دېگەن.
ئاقساراينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى سۇلىۋان يەكشەنبە «فوكس خەۋەرلىرى» پىروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، خىتاي ۋىرۇسىنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا كىمنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئەتراپلىق تەكشۈرمىگۈچە توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە: «نىشانىمىز خىتايغا ئېنىق تاللاش پۇرسىتى بېرىش. خىتاي يا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ خىتايغا كىرىشىگە يول قويۇپ، ۋىرۇسنىڭ ھەقىقىي مەنبەسىنى تېپىپ چىقىدۇ ياكى خەلقئارا جەمئىيەتتە يالغۇز قالىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.
سۇلىۋان شۇ كۈنى يەنە CNN نىڭ «دۆلەت ۋەزىيىتى» پىروگراممىسىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ھازىرچە خىتايغا تەھدىت سالمايدىغانلىقىنى ياكى ئۇلتىماتوم تاپشۇرمايدىغانلىقىنى، ئەگەر خىتاي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قانداق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئويلىشىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىدە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋە شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بىلدۈرۈشىچە، ئالدىنقى ھەپتە G7 باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان رەھبەرلەر خىتاي ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئۇندىن باشقا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن ئالدىنقى ئايدا ئىستىخبارات ئىدارىسىغا ۋىرۇسىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە 90 كۈن ئىچىدە ئاقسارايغا دوكلات قىلىشقا بۇيرۇغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 21-ئىيۇن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۇلىۋاننىڭ مۇناسىۋەتلىك بايانلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: « ئامېرىكا ئوچۇق-ئاشكارا قارا چاپلىدى ۋە تەھدىت سالدى. خىتاي بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ» دېگەن.

بۇ خەۋەر 960 قېتىم كۆرۈلدى
22/06/2021 15:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق