خىتاي ئۇيغۇرلارنى خەلقئارالىق ئورگانلارغا قارشى چىقىشقا مەجبۇرلىماقتا

شىنخۇا تورىنىڭ 21-ئىيۇندىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇشقا ئاجىز كېلىۋاتقان خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىۋاتقان تەتقىقات ئورنى ۋە تەشكىلاتلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا تەشكىللىگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، نۇرئادىل ئوبۇلقاسىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا يازما تارقىتىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئىزچىل ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرۇۋاتقان ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئورگان ۋە تەتقىقاتچىلارغا قارشى «شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى يالغانچىلىق» دېگەندەك يازمىلارنى تارقاتقان. مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان نۇرئادىل ئوبۇلقاسىم: «بۇ تەشەببۇس نەچچە يۈز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. يېقىندا ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇش ھەرىكىتى باشلىنىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 21-ئىيۇن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «نۇرئادىل ئوبۇلقاسىمغا ئوخشاش ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ قانۇن قورالى ئارقىلىق شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل يالغانچىلىقلارغا قارشى تۇرۇپ، ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ھوقۇقى بار» دېگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئالدىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇرلارنى خەلقئارادىكى ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرغان شەخسلەر ۋە ئورگانلارنى تىللاشقا، ھاقارەتلەشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى، بۇ قېتىم يەنە تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي تەشكىللەپ، خەلقئارالىق ئورگانلار ۋە تەتقىقاتچىلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا تەشكىللەنگەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش پىلانلىق ۋە مەجبۇرىي ھالدا سۈنئىي جامائەت پىكىرى ياساپ چىقىش ھىيلىسىنى كۆپ قېتىم ئىشلىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1393 قېتىم كۆرۈلدى
22/06/2021 12:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق