تارىم نېفىتلىكىدە بىر مىليارد توننا نېفىت-گاز زاپىسى بايقالدى

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىم نېفىتلىكىدىن بىر مىليارد توننا نېفىت-گاز زاپىسى بايقالغان.
خىتاي نېفىت-گاز پاي چەكلىك شىركىتى تارىم نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە، تارىم دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تارىم نېفىتلىكىنىڭ فۇمەن رايونىدا يېڭىدىن بىر مىليارد توننىغا يېتىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر نېفىت-تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالغان. بۇ يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان تارىم ئويمانلىقىدىكى ئەڭ چوڭ بايقاش ئىكەن.
تارىم نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ شۆۋېننىڭ بىلدۈرۈشىچە، فۇمەن نېفىتلىكىنىڭ ئاساسىي مەھسۇلات قاتلىمىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 8000 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، قېزىش قىيىنلىق دەرىجىسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن. يېقىنقى ئالتە يىلدىن بۇيان تارىم نېفىتلىكى بىر قاتار تېخنىكىلارنى يېڭىلاپ، يېڭى قۇدۇقنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى %75 تىن نۆۋەتتىكى %95 تىن يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرگەن. يېقىنقى مەزگىللەردە تارىم ئويمانلىقىدىكى فۇمەن رايونىدا يېڭى نېفىت زاپىسى ئۈزۈلمەي بايقالغان.
تارىم ئويمانلىقى مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى بىلەن خىتاي بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقان نۇقتىلىق رايونلاردىن بىرى بولۇپ، 6000 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى نېفىت-تەبىئىي گاز بايلىقى خىتاي ئىگە بولۇۋاتقان ئومۇمىي بايلىقنىڭ %83.2ى ۋە %63.9ىنى تەشكىل قىلىدىكەن. نۆۋەتتە خىتاي تارىم نېفىتلىكىدە ئەڭ چوڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامدىكى نېفىت، گاز ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، خىتاي بۇ قۇرۇلۇشنى «خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان يېڭى ساھە» دەپ سۈپەتلىگەن.

بۇ خەۋەر 1349 قېتىم كۆرۈلدى
22/06/2021 12:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق