خىتاي ئۆز پۇقرالىرىنى تېزلىكتە ئافغانىستاندىن ئايرىلىشقا چاقىردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 20-ئىيۇن تۇيۇقسىز ئەسكەرتىش ئۇقتۇرۇشى تارقىتىپ، بارلىق پۇقرالىرىنى ئافغانىستاندىن تېزلىكتە ئايرىلىشقا چاقىرغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى باش ئەلچىخانىسى مەزكۇر ئەسكەرتمىدە خىتاي پۇقرالىرى ۋە ئورگانلىرىنى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى، ئايروپىلان ئارقىلىق تېزدىن ئافغانىستاندىن ئايرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. شۇنداقلا جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا ساقچىغا مەلۇم قىلىش، ئافغانىستاندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىش كېرەكلىكىنى، يۇقىرىقى ئەسكەرتىشنىڭ 2021-يىلى 31-دېكابىرغىچە كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
سىنا تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈشىگە ئەگىشىپ، ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشقا باشلىغانلىقى، نۆۋەتتە ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ 90-يىللاردىكى تالىبان دەۋرىگە ئوخشاپ قالغانلىقى قەيت قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 27-مايدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاگاھلاندۇرۇش تارقىتىپ، ئافغانىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭ ئەگەر زۆرۈر ئىشى بولمىسا، ئافغانىستاندىن بالدۇرراق ئايرىلىشى كېرەكلىكىنى، خىتاي پۇقرالىرىغا ئافغانىستانغا بارماسلىقنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 1103 قېتىم كۆرۈلدى
21/06/2021 16:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق