خىتاي گوللاندىيەدە سىنلىق تەشۋىقات يىغىنى ئاچتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى گوللاندىيە خەلقىنىڭ كۆزىنى بوياش مەقسىتىدە، 18-ئىيۇن ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش تور يىغىنى ئاچقان. يىغىن ئۈرۈمچى بىلەن گوللاندىيەنىڭ گائاگا شەھىرىدە بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن.
يىغىننى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» بىلەن خىتاينىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىنغا قورچاق ئەمەلدارلاردىن جارۇللاھ ھېسامىدىن قاتناشقان.
جارۇللاھ ھېسامىدىن يىغىندا سۆز قىلىپ: «شىنجاڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەرگە كۆز يۇمۇپ، ئاساسسىز، دەلىل-ئىسپاتسىز ھالدا شىنجاڭنى خۇنۈكلەشتۈرمەكتە. كۆپچىلىكىنى شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىمىز» دەپ بىلجىرلىغان.
تور يىغىنىدا، خىتاينىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تەن جيەن سۆز قىلىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئېيتىپ كېلىۋاتقان قېلىپلاشقان جۈملىلىرىنى قايتا تەكرارلىغان. تور يىغىنىدا يەنە «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى ساختا تەشۋىقات فىلىمى قويۇلغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ساختىپەزلىك قىلىپ، بىر تەرەپتىن يالغان تەشۋىقات ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا تۈرلۈك شەرتلەرنى قويۇپ زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرقايسى دۆلەتلەردە نۆۋەت بىلەن ساختا تەشۋىقات تارقىتىش ھەرىكىتى قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 793 قېتىم كۆرۈلدى
21/06/2021 14:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق