ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى يېڭى رەھبەرلىك ھەيئەتلىرىنى سايلاپ چىقتى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 19-ئىيۇن ئىستانبۇلدا 5-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىن چاقىرىپ، ئاكادېمىيە ھەيئەت ئەزالىرىنى يېڭىدىن سايلاپ چىقتى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۈچ يىل ئىچىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلىرى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنى ۋەقفىگە ئۆزگەرتىش رەسمىيەتلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەستىقلانغانلىقى قاتارلىق نۇقتىلار ھەققىدە دوكلات بەرگەن.
يىغىندا يەنە تۈركىيەدىكى تەشكىلاتلارنىڭ سايلام تەرتىپى ۋە ئۇسۇلى بويىچە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ھەيئەت ئەزالىرى بىردەك ئىستېپا بەرگەن بولۇپ، ئاكادېمىيەنىڭ 5-نۆۋەتلىك رەئىسى يېڭىدىن سايلاپ چىقىلغان.
يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سايلام نەتىجىسىدە، پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېڭى رەئىسى بولۇپ سايلانغان. پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقفىنىڭ كېڭەش ھەيئىتى رەئىسى بولۇپ سايلانغان. يىغىندا يېڭى سايلانغان رەئىسنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئۈچ يىل بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
يىغىن ئاخىرىدا دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىللىق پىلان–لايىھەلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئاكادېمىيەنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم ئىلمىي خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، تۈركىيەدىكى خىتاي تەھدىتىگە قارشى بىر قاتار تەدبىر خاراكتېرلىك خىزمەتلەرنى ئىشلەيدىغانلىقىنى، تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقفىگە قاراشلىق مەھمۇد قەشقەرىي نامىدا ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇپ چىقىشنى مۇھىم خىزمەت نىشانى قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ خەۋەر 866 قېتىم كۆرۈلدى
21/06/2021 14:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق