5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى ھارپىسىدا تۈركىيەدە يېڭى بىر كىتاب نەشر قىلىندى

ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى، نۆۋەتتە تۈركىيە چاناققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەكلىپلىك چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس بولۇپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى بىلەن ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى سەيجى نىشىھارا بىرلىكتە تۈركچە تەييارلىغان «5-ئىيۇل شەرقىي تۈركىستان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا غايىب بولغان باشپاناھسىز سادالار» ناملىق ھۆججەتلىك ئەسەر تۈركىيە پارادىگما ئاكادېمىيەسى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئەسلى ئەسەر 2014-يىلى ياپونىيەدە ئىنگلىزچە ۋە ياپونچە نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاساسەن تۈركچە نۇسخىسى نەشرگە تەييارلانغان.
مەزكۇر كىتاب شەرقىي تۈركىستاندىكى 2009-يىل 5 -ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن شېھىتلەر ھەققىدە توپلانغان ئەتراپلىق دوكلاتلار ئاساسىدا تەييارلانغان بولۇپ، تېخى يېقىندىلا نەشر قىلىنغان ۋە تۈركىيەدە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن «كۆك تۈركلەردىن كەلگەن ياپون تىلى» ناملىق ئاكادېمىك ئەسەردىن كېيىن روياپقا چىققان ئىككىنچى ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە بۇ كىتاب تۈركىيەدىكى ھەرقايسى كىتابخانىلاردا ۋە كىتاب سېتىش تور بېكەتلىرىدە بازارغا سېلىنغان بولۇپ، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى ھارپىسىدا نەشردىن چىقىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولماقتا.
دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىر كىتابىنىڭ تەقرىزىدە: «بۇ كىتابنى 2009-يىل 5-ئىيۇل شەرقىي تۈركىستان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا شېھىت بولغان بارلىق ئۇيغۇرلارغا بېغىشلايمەن» دەپ يازغان ۋە «شېھىتلىرى بولمىغان مىللەتنىڭ ۋەتىنىمۇ بولمايدۇ» دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

بۇ خەۋەر 1245 قېتىم كۆرۈلدى
19/06/2021 22:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق