نۇرى تۈركەل نوترې دام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى نوترې دام ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق دىنىي ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
نوترې دام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورگان تور بېتىدىكى باياناتتا نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى تونۇشتۇرۇلغاندىن سىرت، ئۇنىڭ ۋەتەندە باشتىن كەچۈرگەنلىرى ۋە خەلقئارادىكى پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارىتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
نوترې دام ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى ماركۇس كول نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئەڭ مۇۋاپىق نامزات ئىكەنلىكىنى، بۇ مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا بەرگەنلىكىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «نۇرى تۈركەل خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ۋەھشىي زۇلۇمى، تۇتقۇن قىلىشى ۋە قاتىللىقى ئاستىدا ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ كەلدى. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سادىر قىلغۇچىلارغا قارشى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئاۋازى بولدى» دېگەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇلتۇر ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارلىقىغا تەيىنلەنگەن ۋە بىر نەچچە كۈن بۇرۇن مەزكۇر كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان ئىدى.
نوترې دام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مۇكاپاتى بۇلتۇر رەسمىي تەسىس قىلىنغان بولۇپ، نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى كىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. مۇكاپاتلاش مۇراسىمى 28-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1008 قېتىم كۆرۈلدى
19/06/2021 16:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق