ئىستانبۇلدا بۇ يىللىق «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى»نىڭ تەييارلىق يىغىنى ئېچىلدى

بۇ يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان «13-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» ۋە «4-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى»نىڭ تەييارلىق يىغىنى 18-ئىيۇن ئىستانبۇلدا ئېچىلدى.
يىغىنغا تۈركىيە ۋە چەت ئەلدىكى مىللىي بىرلىك شۇراسى ئەزالىرى نەق مەيدان ياكى تور ئارقىلىق ئىشتىراك قىلدى. يىغىندا يېقىندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «4-نۆۋەتلىك مىللىي بىرلىك شۇراسى»غا ئالاقىدار خىزمەت ۋە كۈنتەرتىپلەر ھەمدە بۇ يىللىق يىغىننىڭ ئاساسلىق نىشانى مۇزاكىرە قىلىندى.
مەزكۇر خەلقئارالىق يىغىلىش 12 يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشچىلىقىدا «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشى» نامىدا داۋاملىشىپ كەلگەن. ھەر قېتىملىق يىغىنغا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ يېتەكچىلىرى، ئاكادېمىكلىرى، ئالىم-ئۆلىمالىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى ئىشتىراك قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كەلگەن كىرىزىسلار ۋە ئۇنى ھەل قىلىش چارىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىپ، زۆرۈر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە ئۈنۈملۈك رول ئويناپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 1156 قېتىم كۆرۈلدى
19/06/2021 15:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق