خىتاي ئالاقىنى چەكلىگەنلىكىگە نومۇسسىزلارچە تۆت تۈرلۈك باھانە كۆرسەتتى

خىتاي يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ قورچاق ئەمەلدارلىرى 18-ئىيۇن بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارغا تۆھمەت چاپلاش ئارقىلىق ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشىنى چەكلەش، ئالاقە قىلغانلارنى جازا لاگېرىغا سولاپ ئېغىر جازالاش، چەت ئەلدىكى تۇغقانلىرىدىن تېنىشقا مەجبۇرلايدىغان ئەھدىنامىگە مەجبۇرىي قول قويدۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتتە دىققەت قوزغىغاندىن كېيىن، خىتاي تۈرلۈك بېسىملار ئالدىدا ئاخىرى بۇ مەسىلە ھەققىدە ئېغىز ئاچقان.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن بىر قىسىم شەخسلەرنى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر سوتى»نى تەنقىد قىلىشقا مەجبۇرلىغان. ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ باياناتچىسى ئېلىجان ئىنايەت چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ «خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى شىنجاڭدىكى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشقا رۇخسەت قىلمىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ، بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «پۇقرالارنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە ئەركىنلىكى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقانلىقى سەۋەبلىك، شىنجاڭدىكى تۇغقانلىرى ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىشنى خالىمايدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.
بۇلاردىن سىرت ئۇ يەنە: «چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدىكى تۇغقانلىرى قاتىللىق، باسقۇنچىلىق، زەھەر ئەتكەسچىلىكى، بۇلاڭچىلىق قاتارلىق جىنايەتلەرگە چېتىلىپ، ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن توختىتىپ قويۇلغان. خىتاي قانۇنى بويىچە ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛ چەت ئەلدىكى يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۈچ خىل كۈچنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن ئۆيدىكىلىرى بىلەن ئالاقىلىشالمىغانلىقىنى ئويدۇرۇپ چىقارغان؛ چەت ئەلدىكى يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بولسا ئالاقە نومۇرىنى خاتا ئېسىدە تۇتۇۋالغانلىقى ياكى نومۇر ئالماشتۇرغانلىقى سەۋەبلىك، تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلالمىغان» دەپ، يۇقىرىقى تۆت تۈرلۈك نومۇسسىز باھانىنى كۆرسەتكەن.
ئۇ يەنە ۋەتەندىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشالمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى بىلەن ئالاقىلەشسە، ئەلچىخانا خادىملىرى ئۇلارنىڭ ئالاقىلىشىشىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «نۆۋەتتە بىز چەت ئەلدىكى شىنجاڭلىقلارنى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلاشتۇرۇش ئۈچۈن، سىنلىق كۆرۈشتۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق. تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، پاكىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق بەش دۆلەتتىكى شىنجاڭلىقلار بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى» دەپ بىلجىرلىغان.
كۆزەتكۈچىلەر مۇھاجىرەتتىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بەش-ئالتە يىلدىن بېرى ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشەلمىگەنلىكىنى، يەنە بىر قىسمىنىڭ ئالاقە قىلغانلىقى سەۋەبلىك ۋەتەندىكى تۇغقانلىرىنىڭ جازالانغانلىقىنى، بۇنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارا بىر ھەقىقەتكە ئايلانغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۈركىيە، قازاقىستان، ياپونىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە داۋاملىشىۋاتقان «ئائىلەم قەيەردە؟» ناملىق نامايىش ھەرىكىتىدىكى نامايىشچىلارنىڭ تەلىپىگە، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا تېخىچە ھېچقانداق جاۋاب بېرەلمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە يۇقىرىقىدەك نومۇسسىزلارچە باھانە كۆرسەتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ ساختىپەزلىكىنى ئېچىپ تاشلاش ئۈچۈن، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇنىڭغا كۈچلۈك، ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1016 قېتىم كۆرۈلدى
19/06/2021 15:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق