خىتاي بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ۋە سېربىيە ھۆكۈمىتىنى ئالداشقا ئۇرۇندى

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 17-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچىدە شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە كەلگەن بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ۋە سېربىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش، ئىسلام دىننى خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، نەچچە مىليون خەلقنى جازا لاگېرىغا قاماش قىلمىشلىرى خەلقئارا جەمئىيەتتە پاش بولۇشىغا ئەگىشىپ، جىنايى قىلمىشلىرى سەۋەبلىك خەلقئارادا كۈچلۈك قارشىلىق ۋە بېسىمغا دۇچ كەلگەن خىتاي بارلىق ۋاسىتىلارنى ئىشقا سېلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا.
شۆھرەت زاكىر ئەلچىلەرگە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغاندا: «شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، جۈملىدىن ئىقتىسادىي، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالى ياخشى. شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈردى ۋە قوغدىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق ـ مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاندى، شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىناق ۋەزىيىتى تەستە قولغا كەلدى» دەپ بىلجىرلىغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ھازىرغىچە چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ «ئائىلەم قەيەردە؟» دېگەن ئاددىي سوئالىغا جاۋاب بېرەلمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە خىتاي بىلەن بىر سەپتىكى دۆلەتلەرنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان غەرب دۆلەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ زىيارەت تەلەپلىرىنى رەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 888 قېتىم كۆرۈلدى
19/06/2021 13:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق