تۈركىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى خىتاي ئەمەلدارى بىلەن سىنلىق يىغىن ئۆتكۈزدى

17-ئىيۇن تۈركىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر باش مەسلىھەتچىسى، ئىستانبۇل پارلامېنت ئەزاسى ئۈنال چەۋىكۆز خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ رۈي بىلەن تور يىغىنى ئۆتكۈزۈپ سۆھبەتلەشكەن.
جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىللىقى ۋە تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دوستلۇقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىشەنچنى ئاساس قىلغان مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە توختالغانلىقى، پارتىيەلەر ۋە ئورتاق تارىخىي ئۆتمۈشنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
يىغىندا يەنە ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى قاتلاملىق ئالاقىنىڭ داۋاملىشىشى تەكىتلىنىپ، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن ئەڭ بالدۇر مۇناسىۋەت ئورناتقان پارتىيە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى يەنە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەرگە ھەمكارلىق ئۇچۇرى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 785 قېتىم كۆرۈلدى
18/06/2021 15:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق