ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىنى چەكلەشتە ئىجابىي قەدەم باستى

ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتى ABC نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش لايىھەسىگە قاراپ چىققان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ پارتىيە ھالقىغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى رېكس پاترىك بۇلتۇر 12-ئايدا پارلامېنتقا تەكلىپ سۇنۇپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر تەكلىپ بۇ يىل 6-ئايغا كەلگەندە پارلامېنتنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن. رېكس پاترىك بۈگۈن مۇناسىۋەتلىك قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ۋە ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى بالدۇرراق ماقۇللاشقا چاقىرغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە قانۇن چىقىرىش باسقۇچى تاماملانسا، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بۇ قانۇن ئارقىلىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈنلەي چەكلەيدىكەن. بۇ ئاۋسرالىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل كېڭەش پالاتاسىنىڭ «تاشقى ئىشلار، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە سودا كومىتېتى» ئەنگلىيە، ئامېرىكا ئېرىشكەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا سولاش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش توغرىسىدىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن پايدىلانغان ۋە شۇ ئاساستا ئاۋسترالىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-سىياسەتلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن، تەكشۈرۈش باسقۇچىدا 14 قوشۇمچە تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان. قوشۇمچە تەكلىپلەردە خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە جاۋاب قايتۇرۇش، تاموژنا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇش، تىزىملىككە ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختىسى قاتارلىق مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئاۋسترالىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىشى تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى سوفىي ماكنىل ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش مەسىلىسىدە ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە كانادانىڭ ئارقىسىدا قالغانلىقىنى، خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش توغرىسىدا تېخىچە كونكرېت تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى، ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ ھۆكۈمەتنى ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش خىزمەتلىرى ئارقىلىق بالدۇرراق ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە مەجبۇرلىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 834 قېتىم كۆرۈلدى
18/06/2021 15:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق