ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئىسلامىي تەشكىلات خىلتون گۇرۇھىنى خىتاينىڭ جىنايىتىگە شېرىك بولماسلىققا چاقىردى

16-ئىيۇن ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئىسلامىي تەشكىلات «ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى» (CAIR) شەرقىي تۈركىستاندىكى چېقىۋېتىلگەن بىر مەسچىتنىڭ ئورنىغا مېھمانخانا سالماقچى بولغان خىلتون گۇرۇھىنى بۇ پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان.

ئەنگلىيە تېلېگراف كۈندىلىك گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئالدىنقى ئايدا شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە بېرىپ، بىر قىسىم قىممەتلىك كۆرۈنۈشلەرگە ئېرىشكەن. ئۇلار زىيارەت جەريانىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىشىغا ۋە قوپاللىق بىلەن توسقۇنلۇق قىلىشىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم مەسچىت ۋە مازارلارنىڭ ھەقىقەتەن خىتاي تەرىپىدىن چېقىۋېتىلگەن ياكى ۋەيران قىلىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئىسپاتلارغا ئېرىشكەن. ئۇلار ئالاقىدار سىن كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق قىسقا ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۇتيۇب قانىلىدا ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنۈپ تارقىتىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ خىلتون گۇرۇھىنىڭ چېقىۋېتىلگەن مەسچىت ئورنىغا مېھمانخانا سېلىۋاتقانلىقىغا ئالاقىدار كۆرۈنۈشلەر ئالاھىدە دىققەت تارتقان.

ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى ئىجرائىيە رەئىسى نىھاد ئاۋاد ۋە تەتقىقاتچىسى ئىسمائىل ئالىسون بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا: «خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى ۋە خۇسۇسەن ئىسلامىي كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. خىلتون شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھىرىدە ۋەيران قىلىنغان مەسچىت ئورنىغا مېھمانخانا سېلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.

باياناتتا خىلتون گۇرۇھىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتىلغان زۇلۇم سىياسىتىدىن خەۋەردار بولۇشى ۋە بۇ تۈرنى توختىتىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ: «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يوقىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىتاي مەدەنىيەتنى يوقىتىش سىياسىتىنى يولغا قويدى، مەسچىتلەر نىشان قىلىندى. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى 2017-يىلدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا 16 مىڭ مەسچىتنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ياكى بۇزۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەگەر خىلتون شىركىتى ۋەيران بولغان مەسچىت ئورنىغا مېھمانخانا سالسا، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىش سىياسىتىگە ياردەم بەرگەنلىك بولىدۇ. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ياردەم بېرىش ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ياردەم بېرىش دېگەنلىك» دېيىلگەن.

ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى يەنە خىلتون گۇرۇھىنى شەرقىي تۈركىستانغا مېھمانخانا سېلىش تۈرىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلغان بىر ئىمزا پائالىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان كىشىلەرنى بۇ مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويۇشقا چاقىرغان.

بۇ خەۋەر 2529 قېتىم كۆرۈلدى
17/06/2021 16:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق