خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى دوكتور كازىم ئۇيسالنى زىيارەت قىلدى

بۈگۈن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت كۇتاھيا دۇملۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى دوكتور كازىم ئۇيسالنى زىيارەت قىلدى.
بىرلىك رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى دوكتور كازىم ئۇيسال ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالغان بولۇپ، ھەيئەت زىيارەت داۋامىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى، جۈملىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
ئارقىدىن بۇندىن بۇرۇن مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە بۇندىن كېيىنكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئۆزئارا مۇزاكىرە قىلىندى ۋە دوكتوردىن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسىنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ ياخشى مائارىپ شارائىتى بىلەن تەمىنلەپ بېرىش تەلەپ قىلىندى.
ئاخىردا ھەيئەت دوكتورنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا قىلغان ياردىمىگە رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت گېربى چۈشۈرۈلگەن پىلاكات ھەدىيە قىلدى. ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرىمۇ ھەيئەتكە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىنى ھەدىيە قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەكتەپ بولۇپ، 11 فاكۇلتېت ۋە 42 كەسىپتە ئوقۇغۇچى تەربىيەلەيدىكەن. مەكتەپتە 920 ئاكادېمىك خىزمەتچى ۋە 44 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار ئىكەن. ئۇنىۋېرسىتېتتا يەنە ئۈچ مىڭ كىشىلىك قىزلار ياتىقى بار بولۇپ، مۇھىتى پاكىز، ئەسلىھەلىرى تولۇق ئىكەن.

بۇ خەۋەر 671 قېتىم كۆرۈلدى
17/06/2021 10:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق