خىتاي ساختا تەشۋىقاتىنى ياپونىيەگىچە كېڭەيتتى

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي 13-ئىيۇن ئۈرۈمچىدە ياپونىيە خەلقىگە قارىتىلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق مەخسۇس سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى يېقىندىن بېرى خەلقئارادا جىددىي كۈنتەرتىپكە كېلىشىگە ئەگىشىپ، خىتايمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش مەقسىتىدە يالغان تەشۋىقاتلىرىنى كۆپەيتمەكتە. بۇ قېتىم خىتاي ئۈرۈمچىدە ياپونىيە خەلقىگە قارىتىلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق مەخسۇس بىر مەيدان سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
مەزكۇر يىغىننى خىتاينىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» بىرلىكتە تەشكىللىگەن. «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى»نىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنىغا قاتنىشىپ، قېلىپلاشقان جۈملىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى بۇرمىلاپ تونۇشتۇرغان.
ئۇ سۆزىدە: «يېقىندىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ، مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئەمما ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە قاتارلىق بىر قىسىم غەرب ئەللىرى مەجبۇرىي ئەمگەك، ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن سۆزلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ياپونىيە خەلقىنى تەۋرىتىپ قويدى. شىنجاڭ مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى» دەپ بىلجىرلىغان.
يىغىنىدا يەنە ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق ساختا تەشۋىقات فىلىمى قويۇلغاندىن سىرت، قەشقەر، يوپۇرغا ناھىيەسى، پوسكام ناھىيەسى، كۇچا شەھىرى قاتارلىق جايلاردىن ئېلىپ كېلىنگەن، ئاتالمىش «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزىنى پۈتتۈرگەن» دەپ دەۋا قىلىنغان بىر نەچچە ئايال سىنلىق يىغىندا مەجبۇرىي يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يېقىندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللىنىپ، بىر تەرەپتىن يالغان تەشۋىقات قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن زىيارەت قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە دۆلەتلەرگە ھەر خىل شەرتلەرنى قويۇپ زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى، ياساپ چىقىلغان ئارتىسلار ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئەخمەق قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 989 قېتىم كۆرۈلدى
17/06/2021 09:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق