ئامېرىكىنىڭ DNA تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى شەرقىي تۈركىستانغا داۋاملىق سېتىلماقتا

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 11-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ DNA تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلەش بۇيرۇقىغا قارىماي شەرقىي تۈركىستانغا داۋاملىق سېتىلغان.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ گېن ئۇچۇرىنى ئومۇميۈزلۈك توپلىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىغاندىن بۇيان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرىگە DNA تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ۋە باشقا ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى سېتىشىنى توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان. تەتقىقاتچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قوراللارنى ئىشلىتىپ، ئىز قوغلاش سىستېمىسى بەرپا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. تىرامپ ھۆكۈمىتى 2019-يىلى ئىجازىتى بولمىغان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆپلىگەن قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىغا ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىنى چەكلىگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2020-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا بىيولوگىيەلىك پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى ساتىدىغان شىركەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئىناۋىتى، ئىقتىسادىي ۋە قانۇنىي خەۋپىنى بىلىپ يېتىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن خىتاينىڭ سېتىۋېلىش ھۆججىتى ۋە توختاملاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى سېرمو فىشېر (Thermo Fisher) ۋە پىرومېگا (Promega) ناملىق ئىككى شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرى شەرقىي تۈركىستانغا داۋاملىق سېتىلغان بولۇپ، بۇ سېتىش سودىسى خىتاي شىركەتلىرى ئارقىلىق ئىشقا ئاشقان. خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىۋالغان، ئاندىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ساقچى ئورگانلىرىنى تەمىنلىگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ DNA تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى قانداق ۋاسىتە بىلەن سېتىۋالغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. ھۆججەتلەردە بۇ ئىككى ئامېرىكا شىركىتىنىڭ ئۈسكۈنىلەرنى بىۋاسىتە خىتاي شىركىتىگە ساتقانلىقى كۆرسىتىلمىگەن. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئىككى ئامېرىكا شىركىتىنىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ نەگە ئىشلىتىلىدىغانلىقى مەسىلىسى ھەققىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى ۋە باشقا بىيولوگىيەلىك سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن، 2019-يىلى سېرمو فىشېر شىركىتى كونكرېت پاكىتلارنى باھالاپ، شەرقىي تۈركىستانغا مەھسۇلات سېتىشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى 11-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو سېرمو فىشېر شىركىتىنى تەنقىد قىلىپ: «بارلىق ئىسپاتلار ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بۇ مەھسۇلاتلارنى داۋاملىق خىتايغا تەمىنلەپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن.

بۇ خەۋەر 767 قېتىم كۆرۈلدى
14/06/2021 13:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق