تاراتقۇلار: خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقىسىنى چەكلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 11-ئىيۇن تىۋىتتېر ھېسابىدا ئۇچۇر يوللاپ، شەرقىي تۈركىستانلىق 20 كىشىنى سىنلىق يىغىن ئارقىلىق ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.
خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تىۋىتتېر ئۇچۇرىدا: «تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز 20 گىراژدانىمىز شىنجاڭدىكى ئائىلىسى بىلەن سىنلىق يىغىن تەرىقىسىدە كۆرۈشتى. قىزغىن ۋە تەسىرلىك كۆرۈشۈش جەريانىدا ئۇلار سېغىنىش ئىلكىدە بىر-بىرىگە ياخشى تىلەكلەرنى تىلەشتى. باش ئەلچى ليۇ شاۋبىنمۇ يىغىنغا قاتناشتى» دېيىلگەن. ئەمما ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەنلەرنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى ئاشكارىلانمىغان.
خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مەزكۇر باياناتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، بىر قىسىم ئاخبارات ئورگانلىرى بۇنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ چەت ئەل بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي چەكلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى، دەپ سۈپەتلىگەن.
مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىغا ئىنكاس قالدۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تۆت-بەش يىلدىن بېرى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشەلمەيۋاتقانلىقىنى، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشكەن. نەچچە ئايدىن بېرى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا داۋاملىشىۋاتقان نامايىشتا ئائىلىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقانلارنىڭ سوئاللىرىنىڭ جاۋابسىز قېلىشىمۇ خىتاينىڭ ساختىپەزلىكىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.
خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ چەت ئەل بىلەن بولغان ئالاقىسىنى چەكلىگەنلىكى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى ئىزچىل رەت قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ ھەقتىكى باھانىلىرىنى كۆپ قېتىم ئۆزگەرتكەن بولۇپ، ئالدىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقانلارنىڭ چەت ئەلدىكى تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى خالىمايدىغانلىقى، شۇڭا ئالاقىسى ئۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە جار سالغان. بۇ قېتىم بولسا مەزكۇر تىۋىتتېر ئۇچۇرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نورمال ئالاقىسىنى چەكلەشتەك جىنايى قىلمىشىنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغان.

بۇ خەۋەر 688 قېتىم كۆرۈلدى
14/06/2021 13:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق