رومىنىيە پىرېزىدېنتى خۇاۋېينىڭ 5G تورىنى چەكلەش قانۇنىغا ئىمزا قويدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رومىنىيە پىرېزىدېنتى كىلاۋس يوھانىس 11-ئىيۇن خۇاۋېينىڭ 5G تورى تېخنىكىسىنى ئۈنۈملۈك چەكلەيدىغان قانۇنغا ئىمزا قويغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، رومىنىيە ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئاپرېلدا خىتاي كونتروللۇقىدىكى شىركەتلەرگە قارىتىلغان چەكلەش قارارىنى تەستىقلىغان بولۇپ، كېيىن پارلامېنتمۇ بۇ چەكلىمىنى ماقۇللىغان.
خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى «تېخنىكا سوغۇق ئۇرۇشى» كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ئەگەر خۇاۋېي شىركىتىنىڭ تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى ياۋروپا رايونىدىن سىقىپ چىقىرىلسا، خۇاۋېينىڭ رەقىبى ئېرىكسون ۋە نوكىيا 5G تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى ماگناتقا ئايلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
يوھانىس ئىمزا قويغان بۇ قانۇن لايىھەسى 2019-يىلى ئامېرىكا-رومىنىيە مېموراندۇمى سەۋەبلىك ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، مەزكۇر مېموراندۇمدا «خەتەرنى ئاساس قىلغان بىخەتەرلىك ئۇسۇلىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە، G5 تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى ئەستايىدىل ۋە ئەتراپلىق باھالاش كېرەك» دېيىلگەن. بۇنىڭدا چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى كونترول قىلىدىغان، قۇرۇلما جەھەتتە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى كەمچىل بولغان تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرى سىقىپ چىقىرىلغان.
ئامېرىكا خۇاۋېينى ئىزچىل ھالدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نازارەت ۋە جاسۇسلۇق قورالىنىڭ بىرى دەپ قاراپ كەلگەن بولۇپ، خۇاۋېي بۇ ئەيىبلەشنى ئىزچىل رەت قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 855 قېتىم كۆرۈلدى
12/06/2021 12:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق